تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1845|ئىنكاس: 0

كارتون فىلىمى ياپونىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە
ۋاقتى: 2015-12-13 00:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى





كارتون فىلىمى ياپونىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن سۆھبەت



2015040954463845.jpg




رەقەملىك ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، نۆۋەتتە توكيو سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى فىلىم ۋە يېڭى ۋاسىتە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ «ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان»، «ھايات مېلودىيەسى» ناملىق كارتون فىلىمى يېقىندا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «2015 Digital Frontier » مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا «ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇش ھاياتى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە بۇ نەتىجىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.


ئەرقال تاراتقۇسى: مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كارتون فىلىملىرىڭىزنىڭ ئىجادىيەت جەريانى ۋە مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز.
ئېرپان يارمۇھەممەت: بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كارتون فىلىم، مەن قۇرغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن ۋە ئۆزۈم رېژىسسورلۇق قىلغان «ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان»، «ھايات مېلودىيەسى» ناملىق ئىككى كارتون فىلىم بولۇپ، بۇلار مېنىڭ ئاسپىرانتلىق تەتقىقات مەزمۇنۇم بولغان «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى كارتون فىلىم ئارقىلىق يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئەكس ئەتتۈرۈش» نىڭ ئىسپات فىلىملىرىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە «ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان» نى 2013-يىلى 9-ئايدىن 2014-يىلى 2-ئايغىچە،  «ھايات مېلودىيەسى»نى 2014-يىلى 8-ئايدىن 2015-يىلى 3-ئايغىچە ئىشلەپ پۈتتۈردۇق. «ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان» تۇرپان دىيارىدا تارقالغان چۆچەك «ئاتەش ماكاندىكى رىۋايەت» تىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەندى. «ھايات مېلودىيەسى» ئويدۇرما ۋەقەلىك كارتون فىلىم بولۇپ، بۇنىڭدا بىر قىزنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى مېھرى مۇھەببەت، ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش، ھاياتتىكى تەڭسىزلىكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ ئىككى كارتون فىلىم مۇزىكا ھەمدە پېرسوناژ ھەرىكىتى ۋە ئوبرازى ئارقىلىق قىسقا ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇزىكىلىق كارتون فىلىم.
         
ئەرقال تاراتقۇسى: سىز ئېرىشكەن مۇكاپات ۋە بۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى خەلقئارالىق كارتون ساھەسىدە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
        ئېرپان يارمۇھەممەت: 20 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «Digital Frontier» مۇكاپاتلاش مۇراسىمى، رەقەملىك ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى مەكتەپلەر ۋە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەقەملىك مەزمۇن سانائىتى، رەقەملىك مەزمۇن ۋاسىتىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر ئەسەر قاتناشتۇرىدىغان، ھەتتا چەتئەلدىكى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر قاتناشتۇرۇلىدىغان بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدۇر. بۇ مۇراسىمدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كۆپلىگەن ئەسەرلەر، ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى خەلقئارادىكى كىنو ۋە ئېكران سەنئىتى مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىدىمۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇراسىم خەلقئارا كارتون فىلىم ۋە رەقەملىك مەزمۇن ۋاسىتىلىرى ساھەسىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مۇراسىملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «2015 Digital Frontier» مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا رەقەملىك ھوللىۋود ئۇنىۋېرسىتېتى، رەقەملىك ھوللىۋود ئاسپىرانت ئىنستىتۇتى، رەقەملىك ھوللىۋود كەسپى مەكتىپى ۋە ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رەقەملىك مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك (كارتون فىلىم، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيۇتېر گىرافىكى، تەكشىلىك لايىھەسى، ئىنتېرنېت لايىھەسى، تور بەت لايىھەسى، كىنو، مۇزىكىلىق فىلىم) تۈرى بويىچە 1500 گە يېقىن ئەسەر تاللاشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مېنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرىم بىر نەچچە يۈز ئەسەرنىڭ ئىچىدىن مۇراسىم نامزاتلىقىغا تاللىنىپ ئاخىرىدا «ئەڭ ياخشى كارتون فىلىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
         
ئەرقال تاراتقۇسى: مەكتىپىڭىز «رەقەملىك ھوللىۋود ئۇنىۋېرسىتېتى» سىزنىڭ كەسپى ھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟
        ئېرپان يارمۇھەممەت: رەقەملىك ھوللىۋود ئۇنىۋېرسىتېتى، ياپونىيەدە ۋە خەلقئارادىمۇ كەم ئۇچرايدىغان، چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركەت باشقۇرۇشىدىكى ئالاھىدە تۈر ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، «مەزمۇن سانائىتى» دەپ ئاتىلىدىغان، مەزمۇنى بار ۋاسىتىلەر (كىنو، تېلېۋىزىيە، كومپيۇتېر گىرافىكى، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيۇتېر گىرافىكى، كارتون فىلىم قاتارلىق ئېكران ۋاسىتىلىرى؛ مەتبۇئات، تەكشىلىك لايىھەسى، ئىنتېرنېت لايىھەسى، تور بەت لايىھەسى ۋە كومپيۇتېر سىستېمىسى قاتارلىق رەقەملىك ۋاسىتىلەر) بويىچە ئالىي تېخنىكوم (كەسپىي بىلىم)، باكلاۋۇرلۇق (كەسپىي ئاساس ۋە ئومۇمىي بىلىم)، ئاسپىرانتلىق (تەتقىقات ۋە سودا، تېخنىكا لايىھەسى) تۈرلىرىدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان مائارىپ ئورنى. شىركەت ۋە مەكتەپ قۇرۇلغىنىغا گەرچە 20 يىل بولغان بولسىمۇ، ياپونىيەنىڭ مەزمۇن سانائىتىدىكى كىنو، تېلېۋىزىيە، كومپيۇتېر گىرافىكى، ئىنتېرنېت ساھەسى ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىققان. مەن رەقەملىك ھوللىۋود ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كارتون فىلىم ئومۇمىي كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى، رەقەملىك مەزمۇن ۋاسىتىلىرى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىنى ئالدىم. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ياپونىيەگە كىچىكلا قەدەم باسقانلىقىم ئۈچۈن گۈزەل سەنئەت، رەقەملىك ۋاسىتىلەرگە بولغان ئاساسىم ۋە چۈشەنچەم كەمچىل ئىدى. ئانا مەكتىپىم رەقەملىك ھوللىۋود ئۇنىۋېرسىتېتى ماڭا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگەتكەندىن سىرت، مېنىڭ كارتون فىلىم دېگەن بۇ ئالاھىدە ئېكران سەنئىتىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە توغرا ۋە تولۇق تونۇتۇشۇمغا شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. تەتقىقات ۋە فىلىم ئىشلەش جەھەتتە، ياپونىيە كارتون فىلىم ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا كەسپىي مۇلاھىزە، پىكىر يولى، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەتتى ۋە مېنى يېتەكلىدى. مېنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىمدە ئانا مەكتىپىمنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور.
قىستۇرما:
ئاخىرىدا بىز ئەرقال تاراتقۇسىدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن ئېرپان يارمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىزنى مول مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ كېيىنكى نەتىجىلىرى ۋە
ئىش ئىزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.

مەنبە: ئەرقال تاراتقۇسى







نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ