تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1326|ئىنكاس: 0

رىۋايەت كارتون ئىستودىيىسى ئىشلىگەن 4 -كارتون پىلاستىنكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە
ۋاقتى: 2014-12-11 22:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
رىۋايەت كارتون ئىستودىيىسى ئىشلىگەن 4 -كارتون پىلاستىنكا بازارغا سېلىندى
رىۋايەت كارتون ئىستودىيسى 2005- يىلدىن باشلاپ‹‹ ناۋاكارتونلىرى››،‹‹بورە كەلدى››،‹‹ئالتۇن پالتا بىلەن كۈمۈش پالتا››قاتارلىق ئۇيغۇرباللار كارتونلىرنى بازارغا سىلىپ ئۇيغۇر باللارنىڭ ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون بولماسلىقتەك بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇردى .سەۋيە چەكلىك بولغاچقا بەزى نوخىسانلاردىن خالى بولالمىغان بولشى مۇمكىن  دوسلارنىڭ ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى  قولاپ بۇ كەسىپنىڭ تۇرمىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىغا باللىرمىزنىڭ ئۆزىمىز دەئىشلەنگەن كارتونلارنى كۇرۇش ئىمكانىيىتگە ئىگە بولىشقا ياردەمدە بولشىڭلارنى  ئۆمۇت قىلمىز .


1181356906.jpg


بۇ يىل يەنە  يېڭدىن پۇتكۇزگەن‹‹دانىشمەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى››نامدىكى  بىردانە كارتون پىلاستىنكىسىنى ئىرپان شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ مىللەتلەر ئۇن-سىن نەشىرياتىدىن نەشىر قىلنىپ بازارغا سىلىندى بۇ كارتون فىلىم ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن.
كارتون فىلىم –ھەرىكەتلىك كارتون ئوبرازلىرى ئارقىلىق ھېكايە ۋەقەلىكىنى بايان قىلىدىغان بولغاچقا ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەڭ قىزىقىپ كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ئۈنۈمى ياخشى بولغان بىر ۋاسىتە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
مەسەل –قەدىمدىن تارتىپ ھەرقايسى مىللەتلەرئارىسىدا كىچىك ھېكايىلەر بىلەن تەمسىل قىلىنىدىغان بىرخىل ئەدەبىي ژانىر بار بولۇپ،بۇ ھېكايىلەر چوڭقۇر كىشىلىك پەلسەپىسى ۋە تۇرمۇش ھەقىقىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،شۇنداقلا  ئاددىي ھېكايە ۋەقەلىكى ئارقىلىق چوڭقۇر مەنالىق تۇرمۇش قائىدىلىرنى چۇشەندۇرىدۇ .ھېكايە ۋەقەلىكى قىسقا بولغاچقا پەرزەنتلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويمايدۇ، ئاددىي بولغاچقا  پەرزەنتلەر كۆرۇپ ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ،ئاخىرىدا ماقال – تەمسىللەر ئارقىلىق يېشىمى بېرىلگەن بولغاچقا تەربىيەۋى ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
1181424405.jpg
بۇ كارتون فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق،ئوبرازلىرى جانلىق، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگەبولۇپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئۆز تۇرمۇشغا ئەڭ يېقىن بولغان كارتون كۆرۈنۈشلىرىئارقىلىق ئىلىم ئۆگىنىپ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش، باشقىلارنىڭ رىزقىغا كۆز قىزارتماسلىق ، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئويلىنىپ قىلىش ، دوستىغا سادىق بولۇش ،خام خىيالدىن يىراق بولۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىش ، شەيئىيلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ،ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى شۇڭا باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك لازىملىقى جەھەتلەردە يېتەكلەشتە، بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا رولى ئىنتايىن زور بولۇشتەك ئالاھىدىلىككەئىگە.
ئىشىنىمىزكى، بۇ بىر يۈرۈش فىلىم بالىلار ۋەئۆسمۈرلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەت ئۆگىنىشتىكى ياخشى بىر دەرسخانىسى،بالىلارنىڭ ئايرىلماس دوستى بولۇپ قالغۇسى.
بۇ پىلاستىنكا ھەرقايسى جايلاردىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ۋە شىنىخۇا كىتاپخانلىردا سېتىلىدۇ.  ئەسلى مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى



نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ