تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق سەنئىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق سەنئىتى
ئۇيغۇر ھۆنەر-سەنئەت مەدەنىيەت جەزىنىسىدىكى «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»

未标题-2nirani 副本.jpg


ئاپتورى :مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس

ئۇيغۇر نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىق ھۆنەر-سەنئىتى ناھايىتى ئۇزاق شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ گۈل تاجىسى بولۇپ،  مىللىي خاسلىققا ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئابىيدە ھېساپلىنىدۇ.
ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بۇيان، ئەجداتلىرىمىز  ئۇيغۇر نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىق ھۆنەر-سەنئىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈنگىچە بىزگە يەتكۈزۈپ  كەلگەن، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى ئەل ئىچى قول ھۆنەر سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ تارىخىمىزنىڭ گۈۋاھچىسى ۋە ئەمگەكچان، مېھنەتكەش  خەلقىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز  قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى ئەڭ دەسلەپتە  خان ئوردىلىرىنى بېزەش زىننەتلەشكە ئىشلىتىلگەن بولسا، كېيىنچە تۇرالغۇ ئۆي مىمارچىلىق(بىناكارلىق)ئىشلىرى، قول ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇنلىرىنى بېزەش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا رەڭ بېرىش- جۇلالاندۇرۇش، كىتاب-پۈتۈكلەرنىڭ مۇقاۋىلىرىغا  ھۆسۈن قوشۇش شۇنداقلا  گېلەمچىلىك، توقۇمىچىلىق ، كىگىزچىلىك، سەرگەزلىك (گۈل باسما)قاتارلىق كەسىپ-ساھەلەرگىچە كېڭەيتىلگەن بولسا ، نۆۋەتتە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نەپىس، كۆركەم، جەلىپكارلىقى  بىلەن مېھمانساراي، رېستۇران،  سەيلى-ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇپتا زىننەتلەشتىن باشقا يەنە قول ھۈنەر-سنئەت،تۇرمۇش ۋە  ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىدىن  ساپال قاچا-قۇچا، پىچاق، قاپاق قاتارلىقلارنى  بېزەش جەھەتلەردىمۇ روشەن ھالدا  ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.   
ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتىدىن ئۆزگىچە مىللىي خاسلىق ۋە قويۇق ئەنئەنە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.  ئۇ يەنە سىزما نەقىشلەر ۋە نەقىش ئويمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر بويىچە تەرەققىي قىلغان.  ئۇ، دىيارىمىزنى جۈملىدىن مىلىتىمىزنى  دۇنيا ئەھلىگە تونۇتۇشتىكى يەنە بىر ۋاستە بولۇپ قالماقتا.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتىگە ئوخشاش، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنى جاھانغا تونۇتۇش، جۇلالاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت خەزىنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇرۇپ كەلدى. ئۇستا خەتتاتنىڭ قولىدا نەپىس لاھىيىلىنىپ ئىشلەنگەن ھۆسنىخىەت كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر ۋە  ئىستىتىك زوق بەخش ئېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەڭ دەسلەپ ئوردا پۈتۈكچىلىرىنىڭ خان يارلىقىنى پۈتۈش، تارىخىي ماتىرىيال ۋە قول يازمىلارنى كۆچۈرۈش جەريانىدا ئۆز خاسىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەل ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇ ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن   ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۈيۈك، نادىر ئەسەرلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ  كېلىشىدە مۇھىم كۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
دېمەك، مەيلى ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى بولسۇن ، مەيلى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بولسۇن ئىككىيلىسىلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۆنەر-سەنئەت مەدەنىيەت جەزىنىسىدىكى نامايەندە ۋە  «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»  دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
چۈنكى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۇيغۇر نەقىشلىرىنى ئۆزىگە جۆر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئۆز قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرسا، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەرسەنئىتى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ياندىشىپ ۋە ھەمراھ بولۇپ، نەشىرىيات-مەتبۇئات ئارقىلىق  ئەل ئارىسىدا  تېخىمۇ قەدىرلىنىپ جاھانغا تونۇلۇپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى خەتتاتلىرىمىز ھۆسنىخەتلىرىنى ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن بېزەپ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن خەلقىمىزگە بەدئىي زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى تەدرىجى مۇكەممەللىشىپ، قول ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان ئەنئەنىۋى يىرىك ھۆنەر-سەنئەت شەكلىدىن، ئىلغار زامانىۋى ئۈسكۈنە ___كومپىيوتىر ئارقىلىق لاھىيەلىنىپ ئىشلىنىشتەك ئۇچۇر دەۋرىگە ئۇلۇشۇپ، ئۆلچەم، سۈپەت، سۈرئەت ۋە يۇقۇرى تېخنىكا جەھەتتە يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، نەپىسلىكى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئەنئەنىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.
پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت بايلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەنىمۇ چۈشۈنىپ، ئۇلارنى غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۆنەر-ھەنئىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشنى يېقىندىن قوللاپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى.  بۇنىڭ بىلەن، دىيامىزىدىكى خەتتاتلق ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى ، ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ  «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»نى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ ھوزۇرىغا  سۇنۇش، جاھانغا تونۇتۇش، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت كەسپىي بىلىملىرىگە ئائىت مەخسۇس پايدىلىنىش قوللانمىسى، توپلاملارنى ئىشلەپ ، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ جۇلالاندۇردى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئتى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىلىپ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ، ئەزىزلىنىپ شۇنداقلا ئىلىم مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلىشى  ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ماقالىنى تەمىن ئەتكۈچى نىرانى تور بىكىتى ئختىيارى مۇخبىرى سىدىقجان ئەيسا بۇلاقى

مەنبە:بايقاش تورى



نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ