تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 0

«ئالتۇن كۆۋرۈك»تە كارتون كۆرگەزمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە

خۇشخەۋەر: 2016-يىل 5-ئاينىڭ 12-، 13-، 14-كۈنلىرى (جەئىي ئۈچ كۈن) ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە-يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك «ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى»دە ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئالاھىدە قوللىغان، تونۇلغان ياش كارتون گىرافىك لايىھەلىگۈچى، ئۈرۈمچى چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مەھمۇدجان تۇردىنىيازنىڭ ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك «چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلمەكچى.



ئۈرۈمچى چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى كارتون لايىھەلەش، ئېلان پىلانلاش ۋە كەسپىي كارتون-گىرافىك تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان شىركەت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 3000 پارچىغا يېقىن كارتون گىرافىك سىزما ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، كەسپداشلىرى ۋە خېرىدارلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەرلەر نۆۋەتتە ھەر قايسى نەشرىيات ئورگانلىرى، جۇڭگو تېلىگرافى شىركىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى كارخانا-شىركەتلەردە ئىشلىتىلمەكتە.



چۈش شىركىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ كارتون گىرافىك سىزما ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئەسەر تەييارلىقى، پىلان لايىھەسى، ئاساسىي ئىدىيە، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈپ، ئېكىسكۇرسىيەچى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەڭ مەركەزلىك ۋە شىنجاڭدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ زور پائالىيەت كۆلىمىگە بولۇشتەك ئەۋەزەللىكى بىلەن تونۇلغان «ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئار يەرمەنكىسى»دە كەڭ ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئىجادىي كارتون گىرافىك سىزما سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل ساھە ۋە كەسىپلەردىكى ئىشلىتىلىشچانلىقىنى نامايەن قىلماقچى.


1604191345517667.jpg


مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرگە ھەرقايسى جەھەتلەردىن يول ئېچىپ بەردى. مۇناسىۋەتلىك كەسپىي، مەمۇرىي ئورگانلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت كەسپىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكىلىشىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇ جۈملىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىمۇ ھەرخىل ئىجادىيەت بازىلىرى قۇرۇلۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مىسالغا ئېلپ ئېيتساق، ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا مەخسۇس كارتون ۋە گرافىك لايىھەنى ئاساس قىلغان «چىفاڭ ئىجادىيەت كوچىسى» (七坊街)مۇ بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ، نۆۋەتتە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي كەسپىلىرى بويىچە بايراقدارلىق ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.



مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەت ۋە پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتقان ياش كارتون ئىجادىيەتچىسى مەخمۇتجان تۇردىنىياز ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆزى ۋە «چۈش كوللېكتىپى» لايىھەلىگەن 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرىدىن ئەڭ نادىر 300 پارچىسىنى تاللاپ ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق يەرمەنكىسى بولغان «ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى»دە، يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن يېڭى بىر يارقىن نۇقتا پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.



ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن ئۈرۈمچى چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۇنجى نۆۋەتلىك چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ۋە كارتون كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل نەقمەيدان پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىدەك پىلانلاندى:



1. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە پەرزەنت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن، ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەللىرىنى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغان «تۈگىمەس ھېكايە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كارتون ئەسەرلىرى بۇ قېتىملىق «چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»دىكى ئەڭ كوزورلۇق ئەسەرلەر بولۇپ، تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە ھالىتىدە كەڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.



2. شىركەت، زاۋۇت، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، مائارىپ-تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ۋە نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ ھەرخىل سودا-مۇلازىمەت ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن كارتونلۇق ماركا، كارتۇنلۇق قۇت بەلگە، كارتونلۇق گىرافىك لايىھە ۋە كارتون فىلىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.



3. مەخمۇتجان تۇردىنيازنىڭ ئىجادىي كارتون لايىھەسىگە ئاساسەن يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن تەييارلىغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى، ئۇستاز ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاۋاز بەرگەن 6 مىنۇتلۇق «تۈگىمەس ھېكايە» ئاۋازلىق ئەسىرى تۇنجى قېتىم ئۆزگىچە شەكىل ۋە ئۇسلۇب بىلەن يەرمەنكىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ئەخمەت ئىمىن ئۇستاز ۋە ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئۇستازلار يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلىنپ، «تۈگىمەس ھېكايە» سوۋغاتلىق كارتون ئەسەرلىرىگە ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار نەقمەيداندا ئۇستاز ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ ئوقۇپ بېرىشىدا «تۈگىمە ھېكايە»نى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. (بۇ پائالىيەت يەرمەنكىنىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ)



4. ئۇيغۇر ئىجادىي كارتون لايىھەچىلىكىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا قىزىققۇچىلارغا كۆرسىتىش مەقسىتىدە، ئۈرۈمچى چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى «چۈش كارتون كوللېكتىپى»نىڭ ئەزالىرى يەرمەنكە نەقمەيدانىدا كارتون سۈرەتلىرىنى سىزىپ كۆرسىتىدۇ. كارتون سىزىشقا قىزىقىدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنى نەقمەيداندا ماھارەت كۆرستىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. كارتون ساھەسىدىكى داڭلىق ئۇستاز–مۇئەللىملەر يەرمەنكە نەقمەيدانىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ.



5. ئۇيغۇر ئىجادىي كارتون لايىھەچىلىكىنى تېخىمۇ كۆپ ھەۋەسكارلارغا كېڭەيتىش، بۇ كەسپىنى ئاممىبابلاشتۇرۇش، قىزىققۇچىلار توپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «چۈش كارتون ئىجادىيەتخانىسى» يەرمەنكە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇن ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان «چۈش كارتون تور كۇلۇبى» نامىدا ئەزا قوبۇللايدۇ. ئەزالىققا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، پەقەت كارتون لايىھە كەسپىگە قاتتىق ئىشتىياق باغلىغانلىكى ھەۋەسكارلار يەرمەنكە نەقمەيدانىدا ياكى چۈش ئورگان تورىدا تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. چۈش تور مەنزىلى: www.qux.biz



6. بۇ قېتىملىق ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت كارتون ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ بىر قەدەر چوڭ كۆلەملىك، ئەسەرلەر مەركەزلىك كۆرگەزمىسى بولۇپ، ئۈچ كۈن يەرمەنكە نەقمەيدانىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت، ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىگە ئېرىشەلمىگەن كارتون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە تور كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تور مۇھىتىدا بولسىڭىز، www.qux.biz تور بېكىتىگە كىرسىڭىزلا، ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىگە بېرىپ كۆرۈلمىگەن كارتون كۆرگەزمىسى ئارمىنىڭىز تېزلا ئەمەلگە ئاشقۇسى!



ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئالاھىدە قوللىغان، ئۈرۈمچى چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پىلانلىغان تۇنجى قېتىملىق «چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 2016–يىل 5–ئاينىڭ 12–، 13–، 14–كۈنلىرى (جەمئىي ئۈچ كۈن) ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە–يىغىن مەركىزىدىكى «4–نۆۋەتلىك ياۋرو–ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى» ئالاھىدە مەدەنىيەت پائالىيىتى تۈرى مەخسۇس ئورنىدا كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىجادىي كارتون لايىھە كەسپىگە قىزىقىدىغان چوڭ–كىچىك ھەۋەسكارلار، مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنت–ئوقۇغۇچىلار، پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ تۈردە تەربىيەلەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاتا–ئانىلار، ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئۇستاز چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئۆگىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقان بارلىق قىزىققۇچىلارنى تۇنجى نۆۋەتلىك «چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» نەقمەيدانىغا تەكلىپ قىلىمىز ۋە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز. ئالاقە: 18997925002



ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللىشى

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنى مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ تارمىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، «جۇڭگو يىغىن كۆرگەزمىسى»، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى، سودا مىنىستىرلىقى ئورگان تورى، ھۆكۈمەت تورى، تەڭرىتاغ تورى، خەلق تورى، سۇمرۇغ تورى، تېڭشۈن تورى، سوخو تورى، شىنلاڭ تورى، شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى داڭلىق تور بېكەتلەر نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىپ تونۇشتۇرىدۇ. نەقمەيدان زىيارەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.



يەرمەنكىگە تىزىملىتىش ئۇسۇلى

تىزىملىتىش ئادېرىسى: ياۋرو–ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى \ ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي (3-كۆۋرۈك ئەتراپىدا لوڭچۈەن كوچىسى) شىنخۇا يولى 288-نومۇر سودا ئىشلىرى نازارىتى قورۇسى (بۇرۇنقى خۇالىيەن) رۈيجىڭ سارىيى ب بىنا 2303- نومۇرلۇق ئىشخانا (قۇرۇلۇش بانكىسى، خۇيخې بانكىسى، خۇيخې ئاكسىيەسى بار سېرىق رەڭلىك بىنا) \ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 0991-2581883، 13999418883، 18997961883


مەنبە ئەلپىدا ئۇچۇر تورى





نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ