تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 447|ئىنكاس: 0

رومانتىزملىق گۈزەل سەنئەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە






رومانتىزملىق گۈزەل سەنئەت



20160306104431756.jpg

«مېدۇسانىڭ سېلى»



ئەنۋەر سىيىت

  

گۈزەل سەنئەت تېما ۋە مەزمۇن جەھەتتە دائىرىسى كەڭ ساھە. بىزدەك گۈزەل سەنئەتنى چەتكە قېقىپ (رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق) يېڭىدىن ھېس قىلىشقا ياكى بۇرۇنقىدەك «يات» نەزەر بىلەن قاراشنى سۇسلاشتۇرۇپ، گۈزەل سەنئەتنىڭ مائارىپتىكى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىجابىي رولغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇش يېڭىدىن يېڭىنى تۈرۈپ، ئانچە كۆپ بولمىغان رەسسام ۋە ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن دۇنيانى چۈشىنىشكە ۋە دۇنيا رەسساملىقىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىشقا ياكى شۇنداق ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئويغىنىشقا باشلىغان خەلق ئۈچۈن، سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي زوقىنى ھېس قىلىشتىن باشقا، سەنئەت ئېقىملىرى ۋە سەنئەت قاراشلىرى، ھەرقايسى دەۋردىكى رەسساملارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشكە، شۇنىڭ بىرگە بۇ خىل تەرزىدىكى تارىخى يېتىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇپ، دەۋر روھىنى يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى تولىمۇ زۆرۈر. شۇ ۋەجىدىن بىز سەنئەتكارلارمۇ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشنى بىلىشىمىز، خەلقىمىزگە ئەسەرلىرىمىزنىلا ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، كۆرسىتىپ تۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىلمىي زۆرۈرىيەت، پوزىتسىيەدۇر.

تارىخ-ھەققى ئۆزىنى ياراتقانلارغا مەنسڭپكى، تارىخ بېتىدىن ئورۇن بېرىلىشنى تىلەش ئارقىلىق يارىتىلمايدۇ.

پىكىرىمىنىڭ دەللى بويىچە مەن « رومانتىزملىق گۈزەل سەنئەت »توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن:-

1816-يىلى فىرانسىيەنىڭ «مېدۇسانىڭ سېلى» ناملىق بىر پاراخوتى نائۇستا كاپىتاننىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ھادىسىگە ئۇچراپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان، كاپىتىان قېچىپ كەتكەن، چىرىكلەشكەن بوربۇن خاندانلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىر-بىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىشىپ، بۇ ئىشنى داۋراڭ سېلىشنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەينى چاغدا 26 ياشلىق رەسسام جېرىكىلت (Jean Louis Theodore Gericault) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ ۋەقە خام ماتېرىيال قىلىنغان «مېدۇسانىڭ سېلى» نامىلىق چوڭ تىپتىكى رەسىمنى سىزىپ چىقىپ، پۈتكۈل فىرانسىيەنى زىلزىلىگە سالغان، بۇ ئەسەر رومانتىزملىق گۈزەل سەنئىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ ئايرىم بىر قىسىمى


رومانتىزملىق پىكىر ئېىقىمى فىرانسىيەنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى مەزگىلىدە پەيدا بولغان، ئادەمنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مەدھىيەلەش، خاسلىق ئازادلىقى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ئىدىيەۋى پىرىنىسىپ قىلغان. رەسساملىقتا خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تەسۋىرلەش ۋە ھېسسىيات ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان قەلەم ئەركىن ئىشلىتىلىپ، رەسىمنى كۈچلۈك ھېسسىيات تۈسى ۋە ئادەمنى ھاياجنالردۇردىغان سەنئەت سېھرىي كۈچىگە ئىگە قىلغان. 18-ئەسىردە ئەنگىلىيەنىڭ ھويلا-ئارام قۇرۇلۇشىدا بىخلىنىپ، چەت ئەلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخىش كۆرۈش دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەنگەن. مەسلەن، «مېدۇسانىڭ سېلى» ناملىق ئەسەردە ئىنسانلارنىڭ ئاپەت ئالدىدىكى ھاياتقا بولغان قەيسىرانە ئىرادىسى ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچىگە مەدھىيە ئوقۇلغان؛

دېلاكىرادنىڭ «ئەركىنلىك خەلقىنى يېتەكلىمەكتە» نامىلىق ئىجادىيىتى ۋە ھەيكەلتاراش رودىننىڭ پارىژ زەپەر دەرۋازىسىغا ئىشلىگەن «راسېلىزا» ھەيكىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قايناق، مول تەسەۋۇر بىلەن خەلىقنىڭ ئەركىنىلىككە بولغان تەلپۈنىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رومانتىزمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.


دېلاكىرادنىڭ «ئەركىنلىك خەلقىنى يېتەكلىمەكتە»ناملىق رەسىمى

جېرىكىلتنىڭ باشقا ئەسەرلىرى:-


«ئاپتورنىڭ پورتېرتى»

«كېمە سۆرىگۈچىلەر»

«جەڭ ئالدىدا»

«مېدۇسانىڭ سېلى»ناملىق رەسىمنىڭ سۈرئەتكە ئېلىنغان فىلىمدىن ئارىيە

مەنبە نۇر تورى





نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ