تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 544|ئىنكاس: 0

رېئالىزملىق گۈزەل سەنئەت ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە





رېئالىزملىق گۈزەل سەنئەت




20160306224429455.jpg


ئاپتورى: ئەنۋەر سىيىت

سەنئەتنى باشقىلارنىڭ قانداق چۈشىنىشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيمەن، ئەمما مەن قانداق چۈشەندۈرۈشكە قارايمەن، ھەر چاغ چۈشەندۈرىشىمىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇنداق دېگىنم، خاتا سۆزلەيمەن، شۇڭا بالدۇر كەچۈرۈم سورۇۋالاي دېمەكچى ئەمەس، مەن قايسىبىر مەشھۇر ئالىمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ قويىمەن، خالاس.

«سىلەر مېنىڭ ئىككى سۆزىنى خاتا قىلىشمىغا رۇخسەت قىلساڭلار، مەن سىلەرگە سەككىز سۆزىنى توغرا قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن!».

كونكرېت سەنئەت ئىنسانىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ، تارىختا نۇرغۇن ئەسەر بارلىققا كەلگەن. ئۇنداق بولسا، بىز بىرەر ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ كونكرېت سەنئەتنىڭ خاتىرىگە ئېلىش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسىي رولى بىزنىڭ شۇ ئەسەردىكى ئوبراز ۋە ئاساسىي تېمنى تونۇشىمىز ۋە تەھلىل قىلىشىمىزغا ئۇل سېلىپ بېرىدۇ. كونكرېت سەنئەتنىڭ ئەھىمىيىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خاتىرىگە ئېلىش رولىدا ئىپادىلىنىدۇ، بولۇپمۇ فوتو سۈرەت تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن تونۇشۇشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوبرازلىق ئاساسى ئىدى. ئەمما، كونكرېت سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ تۇرمۇشنى خۇددى فوتو سۈرەتكە ئوخشاش پاسىسىپ ھالدا خاتىرىگە ئالغان بولماستىن، بەلكى سەنئەتكارلار ئۇنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللىغان ۋە ئىپادىلىگەن. شۇڭا، ئۇمۇ بىزنى ئوخشاشلا ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ۋە سەنئەت ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كونكرېت سەنئەتنىڭ يەنە جەمئىيەتكە ئارىلىشىش رولىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەقىقىي،  ئۆزگىچە خاراكېتىرگە ئىگە بەدىئىي ئوبراز بىلەن بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈمىزگە تەسىر كۆرستىدۇ ھەم مانا شۇ ئوبرازلاردىن ھاسىل بولغان ھېكايە ۋەقەلىك ياكى ئاساسىي تېما بىلەن بىزنى قىممەت ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ، تونۇش ۋە تەربىيىلەش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا يارىتىلغان بەدىئىي ئوبراز قانچە تىپىك، قانچە جانلىق، قانچە خاسلىققا ئىگە قىلىپ يارىتىلغان، ئاساسىي تېما قانچە چوڭقۇر قېزىلغان بولسا، ئۇ شۇنچە تەسىرلەندۇرۇش ۋە تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

   ئەمما، بىز يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، كونكرېت سەنئەتمۇ ئاساسىي تېمىنى سەنئەت شەكلىدىلا ئىپادىلىيەلەيدۇ، يەنە كېلىپ سەنئەتنىڭ ماھىيىتى يېڭلىق يارىتىشتا، جۈملىدىن تېما ۋە شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتە يېڭلىق يارىتىشتا، سەنئەت جەھەتتىكى بارلىق چەكلىمە ۋە ئاسارەتلەرنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلانى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلغاندىلا، شۇنداقلا دەۋىر تومۇرىنىڭ سوقۇشى چىڭ، ئوبدان ئىگىلىگەندىلا ئاندىن يېڭلىق يارىتىشىنى ھەققىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما كۆرستىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى نەرسىنىڭ ھەممىسلا ياخىشى ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇۋەرمەيدۇ، «يېڭلىق يارىتىش» جەزمەن ئەنئەنىلەر ئاساسىدا يارىتىلغان يېڭلىق بولۇشى لازىم، ئەنئەنىۋى « يېڭلىق يارىتىش» تىن چەتنىگەنلىك قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئاۋامىنى كولدۇرلاتقانلىق، مەنبەسى يوق سۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىنى بىز گۈزەل سەنئەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىنلا تونۇپ يېتەلەيمىز.

دېمەك تۆۋەندە رېئالىزىم گۈزەل سەنىئىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن:ـ

   رېئالىزم بىر مەيدان سەنئەت ھەرىكىتى سۈپتىدە 1848-يىلى فىررانسىيە ئىنقىلابى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى چاغدا پارىژدىكى ئاندېرې كالۇ پىۋاخانىسىغا نۇرغۇن ئەدىب، سەنئەتكار، ئىقتىسادشۇناس ۋە سىياسونلار دائىم يىغىلىشىپ، بۇ يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مۇنازىرە سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن بۇ جاي «رېئالىزم قەسىرى» دەپ ئاتالغان. رەسسام گۇستاۋ كوربىت بىلەن نەزەرىيەچى شانفلوۋرى ئۇلارنىڭ مەنىۋى داھىيسىغا ئايلانغان. 1855-يىلى «رەسىمخانا» ۋە «ئورناننىڭ دەپنە مۇراسىمى» ناملىق ئەسەر دۇنيا يەرمەنكىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، بۇنىڭىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن كوربىت ئۆزى رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان ھەم رەسىم كۆرگەزمىسى مۇندەرىجىسىگە ئۆزىنىڭ سەنئەت قارىشىنى يازغان. بۇ سۆز كېيىنچە «كوربىتنىڭ رېئالىزم خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان. 1857-يىلى شانفلوۋرى «رېئالىزم» ناملىق كىتابىنى نەشىردىن چىقىرىپ، «رېئالىزم» سۆزىنىڭ مەنسىنى بېكىتكەن.

   رېئالىزم ھەم قاتمال يېڭى كلاسسىزمىغا، ھەم ئابستراكت غايىنى قوغلىشىدىغان رومانتىزمغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ رەسسام ياشىغان دەۋرنىڭ ئۇسلۇبى، ئىدىيەسى ۋە قىياپىتىنى ئەينەن ئىپادىلەشتە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى راسىتچىللىق. «رېئالىزم» غەرب تىلىدا يەنە سەنئەتنىڭ رېئال تەسۋىر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا رېئالىزمنى يەنە رئال تەسۋىرىزم دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

  رېئالىست رەسساملار ئەڭ ئەرزىمەس، ئەڭ نامرات سىنىپتىنمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسلەن، كوربىت، مىلىت،دۇميې قاترلىق رەسساملار دائىم جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمدىكى شەخىسلەرنى ئەسەرلىرىنىڭ باش پىرسوناژى قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلەن ئىپادىلەپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ئېچىپ بېرەتتى. بۇنىڭ ئەينى چاغدا ئىجتىمائىي، تارىخىي سەۋەبى بار ئىدى. ئەينى چاغدا فرانسىيەدە ئىجتىمائىي سىنپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن، 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاب ئېچىنىشلىق باستۇرۇلغان، «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» شوئارى دەپسەندە قىلىنغان بولغاچقا، كىشىلەردە ھېچقانداق رومانتىك خىيال قالمىغان، ئەكىسچە رېئاللىقىنى، ئوبيېكتىپ تونۇشنى تەخىرسىز تەلەپ قىلدىغان بولغانىدى، تەنقىدىي خاراكتېرگە ئىگە رېئالىزم دەل مۇشۇ خىل ئىدىيىۋى تونۇشنىڭ ئىنكاسى ئىدى.



مەنبە نۇر تورى






نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ