تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە






ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا

نىياز كېرىم شەرقىي


20160412154831670.jpg



  خەتتاتلىق سەنئىتىگە تاشلانغان تۇنجى قەدەم ئويما خەتتىن باشلىنىدۇ. خەتلەر ئۇيۇلغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلدى. بۇ ئويما خەتلەر تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە سەنئىتىمىزنى تەتقىق قىلىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ماتېرىياللاردۇر.

  ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن قېزىۋېلىنغان ۋە تېپىلغان، ئالتۇن تاغ تىزمىلىرى ئىچىدىكى مۆلچەر دەرياسى بويىدا قىيا تاشلارغا ئويۇلغان رەسىم، بەلگە ۋە يېزىقلار، تەكلىماكاندىكى «ئاقسېپىل» قەدىمكى خارابىلىرىدىن تېپىلغان كېسەكلەرگە ئويۇلغان يېزىقلار، ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى قورغان خارابىسىدىن تېپىلغان كۆمۈر تاۋاقتىكى ئويما خەتلەر ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

  ئاتا – بوۋىلىرىمىز قوللانغان قەدىمكى تۈرك يېزىقى يەنى ئورخۇن – يېنسەي يېزىقىدىكى قىيا تاشلارغا ئۇيۇلغان يېزىق ۋە بەلگىلىرى، كېسەكلەرگە ئۇيۇلغان يېزىقلىرى ۋە ھەرخىل كۈندىلىك بۇيۇملارغا ھۆكۈمەت، خانلىق مۆھۈرلىرىگە ئۇيۇلغان خەتلىرىدىن باشقا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغانلىرى يۈزگە يېقىن مەڭگۈ تاش مەدەنىي يادىكارلىقلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيۇلغانلىقى ئۈچۈنلا نەچچە مىڭ يىل بوران – چاپقۇن، قار – شىۋىرغان، ئىسسىق – سوغۇقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھازىرغىچە ئورخۇن – يېنسەي دەريا ۋادىلىرىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

  ئويما خەت يېزىق تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان قەدىمكى شەكىل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ھەرخىل يېزىقلارنى قوللانغان دەۋرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا قوللىنىلغان، بەزىدە ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاتاي دەۋرىگە ئائىت كىلاسسىك كىتابلىرىدا، بولۇپمۇ ھۆججەت توپلاملىرىدا ناھايىتى نەپىس، خىلمۇ – خىل شەكىللەردىكى مۆھۈرلەرنى كۆپ ئۇچراتتۇق. بۇ مۆھۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت مۆھۈرلىرى ۋە خانلارنىڭ مەنسەپ مۆھۈرلىرى ئىدى. بەزى ئۆلىما ۋە شەخسلەرنىڭمۇ ئويغان مۆھۈرلىرى بار بولۇپ ئەينى زامانلاردا ھەرخىل ئېلان، ھۆججەت ۋە تىلخەتلەرگە مۆھۈر بېسىلاتتى.

ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئويما خەت يەنى مۆھۈر ئويۇش سەنئىتى ھەرخىل تارىخىي شارائىت ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىنقى زامانىمىزغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدى. خەتتاتلىق سەنئىتىمىز ئون نەچچە يىلدا يېڭىباشتىن ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.

  ئويما خەت بىر قانچە چوڭ تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى، تاش ئابىدە ئويۇش، مۇھىم ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئېسىل ھۆسىنخەتلەرنى مەڭگۈلۈك ساقلاش مەقسىتىدە تاشلارغا ئويۇش، كىشىلەرنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن مەنزىرىلىك تاغلارغا ياكى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئېسىل خەتتاتلىق تاشقا ئويۇپ ئورنىتىش. ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەپ قەبرە تاشلىرى ئويۇش. بۇ خىل شەكىلدىكى ئويما خەتلەر ئاساسەن خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تىكلىنىدىغان تاش ئابىدىلەر ھېسابلىنىدۇ. 80- يىللارنىڭ مابەينىدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئون نەچچە ئورۇندا نەچچە مىڭ ئېسىل ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئويۇلغان «تاش ئويما ئورمانلىقلىرى» بىنا قىلىندى. ئەگەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرەر ساياھەت ئورۇنلىرىغا مۇشۇنداق «تاش ئويما ئورمانلىرى» بىنا قىلىنسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتىمۇ چوڭ بولىدۇ.

  ئىككىنچى، مۆھۈر ۋە كىچىك ئويما خەت ئويۇش، شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، مۆھۈر ئويۇش دېگىنىمىز ئادەتتىكى تامغا ئۇيۇشتىن تۈپ پەرقلىنىدىغان خەتتاتلىقنىڭ بىر خىل تارمىقى بولۇپ، خەتلەر ھۆسنخەت بىلەن يېزىلىپ ئويۇلىدۇ. بۇ ئويۇلغان خەتلەر كۆپ ھاللاردا سۇلۇس، جەللى سۇلۇس ۋە كۇگى خەت نۇسخىلىرى بولىدۇ. ئادەتتىكى تامغا ئويۇش خەتتاتلىققا تەۋە بولمايدۇ. چۈنكى خەت پەقەت خەتلا بولۇپ ئۇنىڭدا ھېچقانداق سەنئەت قىممىتى بولماي، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىلا بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۆھۈر ۋە كىچىك ئويما خەت ئويۇش بىلەن ئادەتتىكى تامغا ئويۇشنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

  ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ يېڭىباشتىن سەنئەت ئورنىغا كۆتۈرۈلۈشى ۋە سەنئەت سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى، خەتتاتلىرىمىزنى ئۆز ئىسىم – فامىلىسى ۋە تەخەللوسىنى ھۆسنخەت بىلەن مۆھۈر ئويۇپ ئىشلىتىشكە يۈزلەندۈردى. ھۆسنخەت ئەسەرلىرىگە مۆھۈر بېسىش خەتتاتلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشماقتا. خۇددى ئىدارە – ئورگانلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان تونۇشتۇرۇش بىلەن تامغىسى بېسىلمىغان تونۇشتۇرۇشنىڭ چوڭ پەرقى بولغىنىدەك مۆھۈر بېسىلغان ئەسەرنىڭ قىممىتى مۆھۈر بېسىلمىغان ئەسەرگە قارىغاندا ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىر ۋاراق قەغەزگە سىياھتا يېزىلغان ھۆسنخەتنىڭ ھۆسنىگە بىر قىپقىزىل بېسىلغان مۆھۈر خۇددى گۈزەل قىزلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشقان قىزىل گۈلدەك، ھۆسنخەت ئەسىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىگە زىننەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. مۆھۈر ئويىدىغان كىچىك تاشقا قىسقا – قىسقا مەنىلىك جۈملىلەرنى ياكى ھېكمەتلەرنى ئويۇپ كۆرگەزمە قىلسا ئۇنىڭ سەنئەت قىممىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مەن بارلىق ئېپى بار خەتتاتلارنىڭ بۇ ساھەدە ئىزدىنىپ يېڭى يول ئېچىشىغا تىلەكداشمەن.

  ئۈچىنچىسى، ھەرخىل ياغاچ، سۆڭەك، چاقچۇق بۇيۇملار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە خەت ئويۇش. ھەرخىل ياغاچ ۋە بامبۇكلارغا، ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ۋە دولا سۆڭەكلىرىگە، تەخسە ۋە تاۋاقلارغا، قاپاق ۋە چۆمۈچلەرگە ئويۇلغان ھۆسنخەتلەر ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرگە زور ئېستېتىك تۇيغۇ، بەدىئىي زوق بېرەلەيدۇ. شۇڭا كۆپ خىل ۋە رەڭدارلىققا ئىگە ئويما خەت سەنئىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتىدە ئاساسلىقى مۆھۈر ئويۇش بىلەن كىچىك تاش ئويما ئاممىباپ بولۇپ، بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ھەۋەسكارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، ئويما خەت سەنئىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن، مۆھۈر ئويۇش ماتېرىياللىرى، قوراللىرى ۋە ئويۇش جەريانلىرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

مۆھۈر ئويىدىغان ماتېرىياللار ھەرخىل مېتال، مۈڭگۈز، پىل چىشى، قاشتېشى، بامبۇك، ياغاچ، تاش ۋە خىمىيەلىك ماتېرىياللار بولۇپ تۈرى ناھايىتى كۆپ. مۆھۈر ئويۇشقا ئاساسەن جېجياڭنىڭ چىڭتەن تېشى، غۇلجىنىڭ سۈزۈك تېشى ناھايىتى ياخشى ماس كېلىدۇ. بۇ تاشلارنىڭ قاتتىقلىقى نورمال، باھاسى تۆۋەن، ئويۇشقا ئەپچىل، تاشلارنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپ تۆت چاسا، يۇمۇلاق سوزۇنچاق، تەرتىپسىز، يەنى سوقۇچاق، ئۈچبۇرجەكلىك، كۆپرەك ئىشلىتىلدىغىنى تۆتچاسا ۋە يۇمۇلاق شەكىللىك تاشلاردىن ئىبارەت.

  مۆھۈر ئويۇدىغان پىچاق ئادەتتە تۈز قىرلىق بولىدۇ. تاشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن پىچاقمۇ چوڭ – كىچىك بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا بىر پىچاق مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ. پىچاقنىڭ ئۆتكۈلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن بىلەپ تۇرۇش كېرەك. پىچاقنىڭ دەستىسىگە ئىنچىكە تانا ئوراش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا پىچاقنىڭ دەستىسى قولدىن تېيىلىپ كەتمەيدۇ. ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولىدۇ. پىچاق ئويما خەت ئويۇشنىڭ مۇھىم قورالى. پىچاقنىڭ ئېغىرلىقى، دەستىسىنىڭ ئىنچىكە – توملۇقى، پىچاق تىغىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئۆتكۈرلۈكى، ئويما خەت ئەسىرىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پىچاق دەستىسى بەك ئۇزۇن بولسا ياكى بەك قىسقا بولسا بولمايدۇ. نورمال بولۇشى لازىم. ئادەتتە پىچاقنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى قەلەم بىلەن تەڭ بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ. پىچاقنىڭ تىغى 15 گىرادۇستىن 40 گىرادۇسقىچە قىيپاش بولىدۇ.

  مۆھۈر ئويۇشتا يەنە قەلەم، قارا سىياھ، كىچىك چوتكا قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك. قەلەم ئادەتتە ئورگېنال ئىشلەشكە كېرەك بولىدۇ. قارا سىياھ خەتتاتلىق، رەسساملىققا ئىشلىتىدىغان قارا سىياھ بولۇشى كېرەك. كىچىك چوتكىغا ئادەتتىكى چىش چوتكىسى بولسا بولىدۇ. بۇ چوتكا ئويۇلغان خەتنىڭ يۈزىنى چوتكىلاپ چاڭ – توزانلىرىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. قەغەز، ئادەتتىكى سىڭشۇەن قەغىزى ياكى يۇمشاق قەغەز بولسا بولىدۇ. ئورگىنال شۇ نېپىز قەغەزگە ئىشلەنسە تاشقا قوندۇرغىلى بولىدۇ. يەنە قۇم قەغەز بولۇشى كېرەك. قۇم قەغەز تاشنىڭ يۈزىنى سۈركەپ سىلىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. سۇرۇق مۆھۈرنى بېسىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئىشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان سۇرۇق بۇ خىل ئويما خەت سەنئىتىدە ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنىڭ سۇرۇقى ئالاھىدە ئىشلەنگەن بولۇپ چاقچۇق قۇتىلارغا قاچىلانغان بولىدۇ.

  مۆھۈر ئويۇش باسقۇچلىرى مۇنداق بولىدۇ: دەسلەپ مۆھۈر ئويماقچى بولغان تاش تاللىۋېلىنىپ قۇم قەغەزگە ئايلاندۇرۇپ سۈركەش ئارقىلىق يۈزى سىلىقلىنىدۇ. ئويماقچى بولغان تاشنىڭ يۈزىگە قەغەزنى بېسىپ، قەغەزگە تاشنىڭ خەت ئويىدىغان دائىرىس مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ دائىرە قەلەم بىلەن سىزىۋېلىنىپ ئىچىگە ھۆسنخەت لايىھەلىنىپ يېزىلىدۇ. لايىھەلەنگەن ھۆسنخەت تاشقا دۈم قىلىپ چاپلىنىپ، نەملەنگەن قولياغلىق بىلەن چىڭ قىلىپ ئورۇلىدۇ. ئۈستىدىن قەلەمنىڭ دەستىسى بىلەن قاتتىق سۈركەپ خەتنى تاشقا قوندۇرۇۋالىمىز. ياغلىقنى ئېچىپ، ئورگىنالنى تاش يۈزىدىن سويۇۋېتىمىز. ئەگەر خەت تاش يۈزىگە ئوچۇق چىقمىغان بولسا ئورگىنالغا قاراپ قەلەم بىلەن قايتا قېنىقلايمىز. ئەگەر تەتۈر يېزىشقا پەمى بولسا، ئورگىنالنى تەتۈر قويۇپ تاشقا كۆچۈرۈپ يېزىشقا ياكى بولمىسا تاشقا بىۋاستىلا تەتۈر يېزىپ ئويۇشقا بولىدۇ. خەتلەر تاشتا ئىككى خىل ئويۇلىدۇ. بىرى، خەتنى ئويۇپ چىقىرىش، يەنە بىرى خەتنى قالدۇرۇپ ئەتراپلىرىنى ئويۇپ چىقىش، خەتنى ئويۇپ چىققاندا خەت بار ئورۇنلار ئويۇلۇپ خەت ئاق، ئەتراپى قىزىل بولىدۇ. بۇنى «ئاق خەت» ياكى «ئويۇلما خەت» دەپ ئاتايمىز. خەتنى قالدۇرۇپ ئەتراپنى ئويۇۋەتكەندە خەت قىزىل، ئەتراپى ئاق بولۇپ بۇنى «قىزىل خەت» ياكى «قاپارتما خەت» دەپ ئاتايمىز.



مەنبە  نۇر تورى



نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ