تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 484|ئىنكاس: 0

خەتتات نېمىنى يېزىش- نېمىنى يازماسلىقى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە
خەتتات نېمىنى يېزىش- نېمىنى يازماسلىقى كېرەك
خەتتات :ياسىن كەرىم (ئۇيغۇرى)

نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى تارقاتتى

خەتتات تۇپراق ئاستىغا دەپنە قىلىنىغلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى زامان- زامانلار قالىدۇ  دېگەن ھېكمەت ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن. بىز بۇ ھېكمەتتىن خەتتات بولۇشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ۋە گۈزەل بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ پەخىرلەنسەك، يەنە بىر تەرەپتىن خەتتاتنىڭ نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىق ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەقىل يۈرگۈزۈشنىڭ زۈرۈر ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. خەتتاتلىق بىر ئۇلۇغ كەسىپ- ھۈنەردۇر. خەتتاتلىق بىر تۈرلۈك ئادەم تەربىيەلەش رولىنى ئوينايدىغان مائارىپ شەكلىدىكى سەنئەتتۇر. شۇنداقكەن، ئىلگىرى ئۆتكەن پېشىۋا خەتتاتلار بۇ كەسىپكە قارىتا يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋە ئىخلاس قىلغان. خەتتاتلىقنى مال- دۇنيا  جۇغلاشنىڭ ۋاستىسى ئەمەس، بەلكى ئىلىم تارقىتىش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ بىر زۈرۈر ۋاستىسى دەپ تونىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزى يازماقچى بولغان مەزمۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئىنسانىيلىق، ئىلىم- مەرىپەت، ئەدەب- ئەخلاق، دوستانىلىق، تىنچلىق، ئۈمىدۋارلىق، مېھىر- مۇھەببەت قاتارلىقلارنى تەرغىپ قىلىدىغان؛ ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، يۇرت- ۋەتەننى سۆيۈش، ھاياتنى قەدىرلەپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشقا ئوخشاش ھەر زامان، ھەر ۋاقىت كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىنىڭ ھايات مىزانى، تۇرمۇش پىرىنسىپى، رەھنامە بولىدىغان مەزمۇنلارنى يېزىشقا ئادەتلەنگەن. رەزىللىك، چۈشكۈنلۈك، ئىناقسىزلىق، ئەدەبسىزلىك، ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان؛ دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان پۇچەك مەزمۇنلارنى يېزىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ ئۆزىنى تارتقان. شۇڭا خەتتاتلىق شەرىپىگە نائىل بولغان ئادەم ئۆزى يازىدىغان مەزمۇنلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ يازغان خېتى شۇ ئادەم ئۈچۈن گۇۋاھچى- شاھىتتۇر. ناۋادا يازغان خەت يۇقاردا ئېيتىلغاندەك ياخشى مەزمۇنلۇق بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن، ياكى ئۆلۈپ كەتكەندە بولسۇن ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئۇنىڭ يازغان خېتى ئۇ ئادەم ئۈچۈن ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ لەنەت ئېلىپ كېلىدۇ.

QQ截图20170213173857.png  
ياسىن كەرىم ئۇيغۇرى 1978-يىلى 3-ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە. ئۇ 1990-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پىشىقەدەم خەتتاتلارنىڭ شۇنداقلا مەشھۇر جەتئەل خەتتاتلىرىنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇزاق مەزگىللىك ئۆگىنىش نەتىجىسىدە سۇلۇس، جەللى سۇلۇس، نەسخ، تەئلىق، نەستەئلىق، رۇقئى قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن.




نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى تارقاتتى





222222 拷贝.jpg
نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ