تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 43 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 0

ئىككى قولى يوق خەتتات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

483

يازما

2885

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

شۆھرەت
8 سەر
تۆھپە
0 سەر
بايلىق
2204 دانە
جەۋھەر
36 دانە
20170101233827217.jpg

جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭدىكى شى شاۋخۇا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئىشلارنى پۇتىغا تايىنىپ قىلىدۇ. يەنى پۇتى بىلەن خەت يازىدۇ، تېلېفون قىلىدۇ ۋە ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللايدۇ. 6 ياش ۋاقتىدا، ئۇ بىر تىرانسفورماتورنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئويناۋاتقاندا، يۇقىرى بېسىملىق توك سوقۇۋېتىدۇ. دوختۇرخانىدا ھوشىغا كەلگەندە بولسا ئىككى قولىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدۇ.

2.jpg

شى شاۋخۇانىڭ خاراكتېرى يارىلانغاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دادىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، شى شاۋخۇانى داۋاملىق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى شى شاۋخۇاغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلىدۇ. شى شاۋخۇا مەن ئۆزۈمنىڭ خەت يازالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن دېگەن ئىرادە بىلەن، ئېغىزىدا قېرىنداشنى چىشلەپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق مەشىق ۋاقتى ئىككى سائەت بولۇپ، ئۇ چىشى بىلەن قېرىنداشنى چىشلەپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلىپ، سۇندۇرۋەتكەن قېرىندىشىنىڭ سانىنى ساناپ تۈگىتەلمەيدۇ. دەسلەپتە شى شاۋخۇا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە شۆلگىيىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ، كېيىن ئىككى يىل جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ قەلەمدە خەت يېزىشنىلا ئەمەس، موي قەلەمدىمۇ خەت يېزىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.  


3.jpg

تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شى شاۋخۇا تەن سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتتاتلىقنى ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى نىشانى قىلىپ، ئۆيىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەدەنىيەت سارىيىغا بېرىپ خەتتات شېن جېڭنى ئۇستاز تۇتىدۇ. 2000-يىلى 3-ئايدا، شى شاۋخۇا ئۆمەك بىلەن بىللە شىئەنگە ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ھازىرقى ئايالى شىئەن رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ۋۇ ۋېيخۇا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى 1-ئايدا، ۋۇ ۋېيخۇا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىئەندىن شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ رۇگاۋ چاڭجياڭ بازىرىغا كېلىپ، شى شاۋخۇانىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى بولىدۇ. ھازىر ئۇلار ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.


5.jpg

خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىش شى شاۋخۇانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگىمۇ تۈرتكە بولدى. يېڭى خىزمەت ئىشخانىسىدا شى شاۋخۇا :«ماڭىدىغان يولۇم تېخى ئۇزۇن، بىلىمىم تېخى يېتەرلىك ئەمەس» دېدى ھەمدە ئۆزىگە ھەرۋاقىت مەغرۇرلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىتابخانىسىغا «بۇزۇجەي» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئېيتتى. مۇخبىرنىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشىپ 2-كۈنى شى شاۋخۇا يۇرتىدىن ئايرىلىپ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھايات چەكلىك بولسىمۇ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن.   



نىرانى گۈزەل-سەنئەت  تورىغا كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ