تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

«ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىدىن خۇشخەۋەر

2015-5-23 17:00| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 1009| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى

«ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىدىن خۇشخەۋەر


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەنتەنىسىگە جور بولغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ يېزىسىدا چاقىرىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى (تۆۋەندە 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى دېيىلىدۇ) نىڭ ئالاھىدە ئىجازەت قىلىنغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو- ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسگە قاتناشتۇرۇش توختام ئىمزالاش مۇراسىمى»دىن ئىگەللىشىچە، 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەت قىلىنغان مەھسۇلاتلىرى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە شىنجاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

ئالاھىدە ئىجازەت قىلىنغان مەھسۇلات دېگىنىمىز، چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرى داڭلىق ماركا ئوبرازىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بازار ئېچىش پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى تەشكىلى كومىتېتى ئالاھىدە ئىجازەت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەخسۇس سېتىلىشى ئۈچۈن، كارخانىلارغا 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مەخسۇس بېكىتكەن تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ھوقۇق بېرىش ۋە ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقى بېرىلگەن سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىلگەن سېتىش رايونلىرىدا 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى ئالاھىدە ئىجازەت قىلىنغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت كارخانىلارغا چاقىرىق قىلىشتەك < 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى ئالاھىدە ئىجازەت مەھسۇلاتلىرى پىلانى> نى تۈزۈپ چىقتى ۋە يولغا قويدى.


بۇ قېتىمقى 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى كومىتېتى شىنجاڭ ئىچىدە 1200 يۈرۈش، شىنجاڭ سىرتىدا 500 يۈرۈش 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى ئالاھىدە ئىجازەت مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، نىشان شىنجاڭ ئىچى–سىرتىدىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى يىغىپ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبورت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت. 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى ئالاھىدە ئىجازەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە بىر قەدەر چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقىغا تېخمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىلدى.

توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدا جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو- ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى ئىستىراتېگىيەسىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مۇشۇنداق قىممەتلىك پۇرسەت بىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىمۇ ئاشۇردى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە مىللىي كارخانىلار ئۈچۈن ئۆز ماركىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئەلگە تونۇتىدىغان، كارخانىلار ئارا چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان يەنە بىر ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كارخانىچىلار مۇنبىرى، توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، ئىقتىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى يەرمەنكە مەزمۇنىنىڭ رەڭدارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىسى يەرمەنكىگە قاتناشقان، يەرمەنكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلار سانى 150 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشقان. يەرمەنكىدىكى تۈرلۈك سودا- ھەمكارلىق پۈتۈشۈش سوممىسى ئىككى مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. يەرمەنكە رايونىمىزدىكى كارخانىلارنى خەلقئارالاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۇقراۋى يەرمەنكە ئۆتكۈزۈشتە ئۆرنەك ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەرمەنكە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى قاتارلىق مەركەزدىكى تاراتقۇلار، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار نۇرغۇن خەۋەر، مەخسۇس ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك يەرمەنكە ھەققىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ھەر خىل تىلدىكى 1100 دىن ئارتۇق تاراتقۇ بىۋاستە خەۋەر تارقاتقان، 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ يەرمەنكە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان. مانا بۇ تەشۋىقاتلار يالغۇز يەرمەنكىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولغان. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا قىلىنغان ئەڭ كاتتا سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش شۇكى، تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو- ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىلا ئەمەس، مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق يەرمەنكىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئاپتونۇم رايونلۇق سودا نازارىتى بۇ يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى 6- نومۇرلۇق ھۆججەت تارقىتىپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق قوللايدىغان جۇڭگونىڭ داڭلىق يەرمەنكىسى ئۈچۈن شىنجاڭ رايونىدىن ياۋرو- ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن.




يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ