تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

«ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» يەرمەنكىدە

2015-5-23 17:04| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 1153| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى

«ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» يەرمەنكىدە



دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇستاز خەتتاتلار، ياش ھەۋەسكارلار، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر، ئۇيغۇر يېزىق سەنئىتىگە قىزىقىدىغان، ئىشتىياق باغلىغان، ئۆگىنىش-چۈشىنىشنى خالايدىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارنى 2015-يىل 30-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە (5-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، جەمئىي ئۈچ كۈن) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشبۇلاق رايونىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.


2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تاشبۇلاق رايونىدىكى «خۇڭگۇاڭشەن» ((红光山گە جايلاشقان بولۇپ، بىۋاسىتە مۇشۇ مەنزىلگە بارىدىغان 1-، 101-، 78-، 532-يول ئاپتوبۇسلىرى بار.

بۇلتۇرقى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىدە باقى ھاجىم خوتەن قەغىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ يەرمەنكە ئورنى ئۇستاز خەتتاتلار، ياش ھەۋەسكارلار ۋە ھۆسنخەتكە قىزىقىدىغان چوڭ-كىچىك بارلىق يەرمەنكە ئەھلىنى جەلپ قىلىپ، يەرمەنكىنىڭ جۇلالىق، يارقىن نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ مۇھىت، كەيپىيات ۋە سورون ھازىرلاش مەقسىتىدە 2-نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت، مائارىپ رايونىدا مەخسۇس «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىندى.

بۇ مەخسۇس ئورۇندا ئۇيغۇر خەتتاتلىق ساھەسىدە قەلەم ياساش ئۇستىسى دەپ تونۇلغان توختىھاجى تۇرسۇن ئەركەمنىڭ بارلىق «ئەركەم خەتتاتلىق قوراللىرى» يۈرۈشلۈكلىرى، ئۇستاز خەتتات كېرەم خوجا ئاكىمىزنىڭ خەتتات ۋە ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «كېرەم خوجا رەڭلىرى» يۈرۈشلۈكلىرى، ھۆسنخەت ھەۋەسكارى، كىتاب مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىسى خەمىدە سەئىدئالىم خاسبىكەنىڭ ھەۋەسكارلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئېھتىياجىنى چقىش قىلىپ لايىھەلىگەن، ئۇستاز خەتتاتلار ۋە ھەۋەسكارلار تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان A2,A3,A4 ئۆلچىمىدىكى «خاسبىكە ھۆسنخەت قەغەزلىرى» يۈرۈشلۈكلىرى، ئەلپىدا ئۇچۇر تورى تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىپ سېتىلىۋاتقان، ھۆسنخەت ئۆگىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر يۈرۈش يەتتە كىتابلىق «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۆگىنىش قوللانمىسى» ۋە پولات قاپلىق «مىجىتقەلەم» مەھسۇلاتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خوتەن قەغىزى، شۈەنزى قەغەز، ياغاچ-قومۇش قەلەملەر، پولات قاپلىق قەلەم، ئىمپورت رەڭ-سىياھلارمۇ قويۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدۇ.

بۇ مەخسۇس ئورۇندا يەنە ئۇستاز خەتتاتلار، ياش ھەۋەسكارلارنىڭ خوتەن قەغىزى، شۈەنزى قەغىزى، خاسبىكە ھۆسنخەت قەغەزلىرىگە ئىشلىگەن ھۆسنخەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدۇ. نەق مەيداندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەرخىل قەغەزلەرگە ھۆسنخەت يېزىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەرمەنكە پائالىيىتى مەزگىلىدە «ئۇيغۇر خەتتاتلىق قوراللىرى ھەققىدە» مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئەركەم خەتتاتلىق قوراللىرى»، «كېرەم خوجا رەڭلىرى» ۋە «خاسبىكە ھۆسنخەت قەغەزلىرى» تونۇشتۇرۇلىدۇ.

پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە «خاسبىكە خانىم-قىزلار خەتتاتلىق گۈلشەنى» كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «خاسبىكە خانىم-قىزلار خەتتاتلىق مۇنبىرى» پائالىيىتىنىڭ «يەرمەنكە مەخسۇس يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلۈپ، خانىم-قىز خەتتات ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ھۆسنخەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، نەق مەيداندا ھۆسنخەت يېزىش، ئۇستاز خەتتاتلاردىن تەلىم ئېلىش، خەتتاتلىق قوراللىرى بىلەن تونۇشۇش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ (پائالىيەت تەپسىلاتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ).

بۇقېتىملىق يەرمەنكىدىكى «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» كۆرگەزمىسى يالغۇز مەخسۇس ئورۇندىلا ئەمەس، يەنە باشقا ئورۇنلاردىمۇ تەسس قىلىندى. خەلقئارالىق ھۆسنخەت مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىلەرنى قازانغان ئۇستاز خەتتات ياسىن كەرىم ئۇيغۇرىمۇ يەرمەنكىدىن ئورۇن ئېلىپ بۇ قېتىملىق «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ياسىن كەرىم ئۇيغۇرىنىڭ نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرى، قەلەملىرى ۋە خوتەن قەغىزىمۇ مەخسۇس تونۇشتۇرۇلىدۇ. كىتاب شەيداسى، «ھۇنبەگ» كىتابخانىسى مەسئۇلى، تونۇلغان ياش خەتتات مۇھەممەت ئىبراھىم ھۇنبەگمۇ «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» مەخسۇس رايونىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۆزى يازغان ھەم باشقا ئۇستاز خەتتاتلاردىن توپلىغان ئېسىل، نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ ھەم نەق مەيداندا ھۆسنخەت يازىدۇ.


ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىدىكى «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى» مەخسۇس كۆرگەزمە ئورنى 1H رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئورۇن نومۇرلىرى تەرتىپ بويىچە «ئەركەم خەتتاتلىق قوراللىرى» ۋە «كېرەم خوجا رەڭلىرى» —1HB484؛ «خاسبكە ھۆسنخەت قەغەزلىرى» —1HB483؛ «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى» —1HB482؛ «ھۇنبەگ كىتابخانىسى. خەتتاتلىق سەنئىتى» —1HB481 قاتارلىقلار؛ ئالاھىدە ئەسكەرتمە: ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە–يىغىن مەيدانىغا بىۋاسىتە بارىدىغان 1-، 101-، 78-، 532-يول ئاپتوبۇسلىرى بار، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت دەرۋازىسى ئالدىدىن ئاپتوبۇسقا چىققىلى بولىدۇ.


يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ