تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىكى مەڭگۈلۈك ئابىد ...

2015-6-24 04:27| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 510| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتىىگە ئەزا بۇلۇشنى ئۇنۇتماڭ


ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىكى مەڭگۈلۈك ئابىدە – دىسكا ئاتقۇچى

غېنى سەمەت



بۇ ھەيكەلنى ھەر كۆرگىنىمدە ئىنسانىيەتنىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى بۇرۇنلا تەرەققى قىلىپ بولغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىمەن، ئۇ بىر جانسىز شەيئى بولسىمۇ، لېكىن  ئۈگە-ئۈگىلىرىدىن ئىنتايىن گۈزەل بىر ھەرىكەت ھالىتى ، تولىمۇ نەپىس بوشلۇق تۇيغۇسى، پەۋقۇلئاددە جانلىق تەنتەربىيە كەيپىياتى جۇلالىنىپ، ‹‹ دىسكا ئاتقۇچى ››  ھېلىلا قولىدىكى دىسكىنى بەكمۇ كۆركەم پەرۋازدا ئەڭ يىراق مەنزىلگە ئاتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. دېمىسىمۇ،  مىلادىيەدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان ‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› ناملىق بۇ ھەيكەل يۇنان ۋە قەدىمكى رىم سەنئىتىنىڭ ئىنسان ئەقلىنى لال قىلغۇدەك شەۋكىتىگە شەكسىز ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› ناملىق ھەيكەلنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قەدىمكى يۇنان دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ زاماننىڭ بۇران –چاپقۇنلىرىدا يوقىلىپ، تۇزۇپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.لېكىن، قەدىمىي رىم دەۋرىدىكى ھەيكەلتاراشلار ئەسلىدىكى نۇسخا ئاساسىدا  بىز كۆرىۋاتقان، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ‹‹ دىسكا ئاتقۇچى ›› ناملىق ھەيكەلنى مەرمەر تاشتىن تەقلىدىي ھالدا ياساپ چىققان بولۇپ، ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.52 مېتىر ئەتىراپىدا. ئۇنىڭ قەدىمىي رىم دەۋرىدە  تەقلىد قىلىنىپ مەرمەردىن ياسالغان بىر قانچە نۇسخىسى ھازىر ئىتالىيە دۆلەتلىك مۇزېي، ۋاتىكان مۇزېيى، تەرمە مۇزېيى قاتارلىقلاردا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.  بۇ ھەيكەل  ئەسلىدە برونزىدىن ياسالغان بولۇپ،  يۇنانلىق مەشھۇر ھەيكەلتاراش ميرون مىلادىيەدىن 450 يىل بۇرۇن ئويغانىكەن.ھەيكەلدە بىر قاۋۇل ئەرنىڭ دىسكا ئېتىش جەريانىدىكى ئىنتايىن تىپىك بىر پەيتلىك ئىپادىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئىنساننىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە، تەنتەربىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. ھەيكەلدە يۇناننىڭ تېخنىكا ۋە ھېسىياتقا باي ھەيكەلتەراشلىق سەنئىتىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئۆتكۈر سەنئەت ئىدىيەسى ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئىپادىلەش ئۇسۇلى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ ھەيكەل بەدەن گۈزەللىك سەنئىتىدىكى مەڭگۈلۈك ئابىدە سۈپىتىدىلا ئەمەس، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدىمۇ  ھازىرغىچە دۇنيا گۈزەل سەنئەت- ھەيكەلتاراشلىق ساھەسىدىكى يىگانە ئەسەرلەردىن ھېسابلانماقتا
تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە،  يۇنان مىلادىيەدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا مەيلى ئەدەبىيات-سەنئەت، مەيلى پەلسەپە، تەبىئىي پەن، ۋە مەيلى سىياسىي جەھەتلەردىن بولسۇن، يۈكسەك بىر سەۋىيە يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە قوشقانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قىلىچ بىلەن جاھان سورىسا، سوقرات، ئەپلاتۇن، ئارسېتوتىللار  پەلسەپە، تەبىئىي پەنلەر بىلەن نەرە تارتقان، ھومېر داستانلىرى بىلەن قەلب مەملىكىتىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.ھەتتا، يۇنانلىقلار ئولىمپىكتەك كاتتا تەنتەربىيە كۆرەكلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، تەن گۈزەللىكىنىمۇ دۇنياغا نامايش ئەتكەن ئىدى.  بۇ دەۋرنى يۇنان ئىدولوگىيە، ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ دۇنياۋېي ئۆركەش پەيدا قىلغان ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولاتتى. شۇ دەۋردە سەنئەتنىڭ، بولۇپمۇ يۇنان ھەيكەلتاراشلىقىنىڭ سەۋىيەسى ۋە  شۆھرىتىمۇ تەپەككۇر گۆھەرلىرىدىن، ئەدەبىيات مېۋىلىرىدىن ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس ئىدى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 449-يىلىدىن 338 –يىلىغىچە يۇنان ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئاجايىپ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە نۇرغۇن كاتتا ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن، ‹‹ دىسكا ئاتقۇچى ›› ئەنە شۇ كاتتا ئەسەرلەر ئىچىدە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھومېر داستانلىرىدەك ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرنىڭ يېگانىسىدۇر. بۇ ئەسەر يۇنان ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مىسلىسىز شەۋكىتىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، تارىخنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىدا يوقىلىپ، تۇزۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، كېيىن ياسالغان مەرمەر تاشلىق تەقلىدى نۇسخىسىمۇ ئادەمنى شۇنچىلىك ھاياجانغا سالىدۇ ۋە بارغانسېرى يۇقىرى تەتقىقات سازاۋەر بولماقتا
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ھەيكەلنى يۇنانلىق مەشھۇر ھەيكەلتاراش ميرون ياسىغان. ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىلىم ساھەسى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە تەپسىلىي مەلۇماتغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئىلمىي قىياسلارغا ئاساسلانغان مەلۇماتلار بار. شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ميرون  تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 492-يىلى ئافېنادا  ( بەزى كۆز قاراشلاردا ھازىرقى ئىتالىيەگە تەۋە ئېلەنتھېرادا ) دۇنياغا كەلگەن. ھاياتى ئاساسەن ئافېنادا ئۆتكەن. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 472- يىلىدىن 440- يىلىغىچە قىزغىن ۋە ئۇتۇقلۇق ھەيكەلتاراشلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن نادىر ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئېلاھلار، قەھرىمانلار، ھايۋانلارنى تېما قىلغان ھەيكەللەرنى ياسىغان بولۇپ،20 ياشلىرىدىن تارتىپ مۇنتىزىم ھەيكەلتاراشلىق تەربىيىسى كۆرگەن ميرون 40 ياش ئەتىراپىدا ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە شۇ دەۋرنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان. كۆپ خىل تېمىلاردا سەرخىل ھەيكەللەرنى ئىجاد قىلغان بۇ داڭلىق ھەيكەلتاراشنى چاقناتقىنى يەنىلا ئادەمنىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان ھەيكەللەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ شۇ دەۋردە ئافېنانى مەركەز قىلغان ھالدىكى تەنتەربىيە ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەممە زۇقلىنىدىغان ئاممىۋېي ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، ميروننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ميرون ئىنتايىن قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئەر بولۇپ، تەنتەربىيە بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، تەنتەربىيە ۋە بەدەن گۈزەللىكى خۇسۇسىدا بىۋاستە تەسىراتقا ئىگە بولغانىكەن، ھەتتا چېلىشىش قاتارلىق بىر قانچە تۈرنىڭ مەملىكەت چىمپىيونى بولغانىكەن.
ئەنە شۇنداق مۇنتىزىم تەربىيە، يۇناندىكى قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى، قىزغىن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ تەنھەرىكەتتىكى بىۋاستە تەجرىبىسى بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹ دىسكا ئاتقۇچى ›› دەك  ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ئاساس بولغان. ئۇنىڭ سەنئەت خاسلىقى  ھەيكەلتاراشلىق ساھەسىدە يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە كىشىلەر پېتىنالمايدىغان تېخنىكىلارنى دادىل سىناق قىلىشقا ئىنتايىن ماھىرلىقى بولۇپمۇ، ئىنسان بەدىنىنىڭ مۇۋازىنىتىنى، بوشلۇقتىكى تېنچ ھالىتىنى ئۆزگىچە تېخنىكا ۋە ئۇسۇلدا سەنئەتلىك ئىپادىلەشتە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› قاتارلىق ئەسەرلىرىدە  رېئال تەسۋىر ئارقىلىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھەرىكەت تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسىنى دادىل بۇزۇپ تاشلىغان، ئوبرازنىڭ بوشلۇقتىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، تېما، ئىپادىلەش ئۇسۇلى نۇقتىلىرىدىن ھەيكەلتاراشلىققا ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن سەنئەتكاردۇر.
ئۆز دەۋرى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ھەيكەلتاراشلىقتىكى يېڭى بىر ئېقىمنىڭ يول ئاچقۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان بۇ سەنئەتكار نۇرغۇن ھەيكەللەرنى ئىجاد قىلغان، ۋەكىللىكلىرىدىن ‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› ۋە ‹‹ ۋېناس ›› قاتارلىقلار بار. ئەپسۇسكى، بۇ ھەيكەللەر كېيىنكى زامانلاردا يوقىلىپ كېتىپ، قەدىمكى رىم ھەيكەلتاراشلىرىنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشى بىلەن زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىگەن.
  ئەسلى ريمون ئىجادىغا مەنسۇپ بولغان ‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› ناملىق ئەسەردە  شۇ دەۋر يۇنانلىقلار تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن رېئال تېما –تەنھەرىكەتچى تاللىۋېلىنغان. ھەيكەلدە  قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ، يالىڭاچ بىر تەنھەرىكەچچىنىڭ بېلىنى ئىگىپ، ئوقيا شەكلىدە ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئوڭ پۇتىدا چۈشكەن، بەدىنىنى ئارقىسىغا بۇراپ، ئوڭ قولىدىكى دېسكىنى ئېتىۋاتقان ھالەتتىكى كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان پەيتلىك ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. ھەيكەلنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا، ھىم، ئوبرازنىڭ يۈزىدىن ئۆزىگە ۋە غەلىبىگە بولغان ئىشەنچى بالقىپ تۇرىدۇ، پۈتۈن بەدىنىندىن ئىنتايىن كۈچلۈك ھەرىكەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئوبرازنىڭ باش، مۈرە، پۇت، قول، بەل،كۆكرەك، قۇرساق، كاسا...قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، پىرقىراۋاتقان ئوبرازنى مۇقىم ھەرىكەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان. بۇلار ئورگانىك ھالدا بىرلىشىپ، ھەيكەلگە ئىنتايىن گۈزەل ھەرىكەت مېلودىيەسى، زۇقلانغۇچىغا تولىمۇ نەپىس شەكىل گۈزەللىكى بەخش ئەتكەن.
ئەسەردە ئاسان تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان پەيتلىك ھالەت، قىزغىن ھەرىكەت، رېتىم ۋە مۇقىملىق  تۇيغۇسى شۇ قەدەر جىپىسلىشىپ ئۇنتۇلغۇسىز سەنئەت ئۈنۈمى يارىتىلغان بولۇپ،زوقلانغۇچىنىڭ كۆز ئالدىغا گۈزەللىك، تەمكىنلىك، ئۇيغۇنلۇق ...قاتارلىق ئىستېتىك ئامىللار تەكرارلانغۇسىز ھالەتتە بىرلىشىپ كەتكەن، ھاياتىي كۈچكە باي ئوبرازنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ‹‹ دېسكا ئاتقۇچى ›› نىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە كېيىنكىلەرگە مەڭگۈلۈك ئۈلگە بولغۇدەك، دۇنيا تەنتەربىيەسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك سىمۋولى بولغۇدەك ئابىدە بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇ ئىنسان گۈزەللىگە ئوقۇلغان ئەڭ گۈزەل مەدھىيەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەبەدىي قەدىرلەنگۈسى.

يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ