تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

كونىشەھەر كەنتىدىكى قاپاق ئەۋلىيا

2015-7-11 23:33| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 930| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: نۇر تورىدىن ئېلىندى

كونىشەھەر كەنتىدىكى قاپاق ئەۋلىيا

قاپاق بالا، قاپاق بالا،
    بىر پېلەكتە يەتتە چېچەك.  
   قورقمايدۇ يامغۇر بوراندىن،
           لا،لا،لا

 

 

  قاپاق توغرىسىدىكى بۇ تېمىنى كۆرۈپلا يۇقىرىقى بالىلار شېئىرى يادىڭلارغا كەلدىمۇ؟ ئاشۇ چاغلارنى سېغىندىڭلارمۇ؟… بۈگۈن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ئۈندىدار سالونىمىزدا «يىلان جىن» بىلەن قاتتىق ئېلىشقان «قاپاق بالا»نى ئەمەس، بەلكى خوشۇت ناھىيەسىدىكى «قاپاق»نىڭ خاسىيىتىدىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئابدۇجېلىل ساۋۇرنى تونۇشتۇرىمىز.

  «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سالونىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى رۈي شىيا، جىياچۇەنيۇڭ نىڭ خوشۇتتىن بەرگەن خەۋىرى
  «بۇ بەخت-سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان قاپاق، سىلەرنىڭ ساغلام، تېنچ-ئامانلىقىڭلارغا بولغان تىلىكىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قوبۇل قىلمىساڭلار بولمايدۇ…» خوشۇت ناھىيە چۇقۇ يېزىسى كونىشەھەر كەنتى ئاھالىسى ئابدۇجېلىل ساۋۇر كەنتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا يۇقارقى سۆزىنى قىلدى.

 

  ئابدۇجېلىل ساۋۇر ئەتىگەندە قاتتىق قارغا قارىماي خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئىشلىگەن قاپاق سىزما بۇيۇمىنى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. قاپاقتا «دوستلۇقىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ» دېگەن خەت ۋە چىرايلىق گۈل-گىياھلارنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، ئۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەسىرلىك ھالدا:«سىلەرگە ھەقىقەتەن قىيالمايۋاتىمەن، پات-پات كېلىپ تۇرۇڭلار…»دېدى.
  ئابدۇجېلىل ساۋۇرنىڭ قاپاققا باغلانغان  «رىشتە»سى

  ئابدۇجېلىل ساۋۇر كونىشەھەر كەنتىدە نامى چىققان قاپاق «ئەۋلىيا»سى، ئۇنىڭ ئۆيى قاپاق دۇنياسىغىلا ئوخشايدۇ، تام، شىرە، ئىشكاپلارغا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل شەكىلدىكى قاپاقلار قۇيۇلغان.
  ئۇ قاپاقتىن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ياساش ھەۋىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «قاپاق تېرىشىم، قاپاققا رەسىم سىزىشىم ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئامراق، مەندىكى بۇ ھەۋەسكە 20 يىلدىن ئاشتى» دېدى. ئابدۇجېلىل ساۋۇر ئەتىيازدا تېرىغان قاپاقلىرىنى كۈزدە ئۈزۈپ ئۆيگە ئاپىرىپ بىر-بىرلەپ ئىلغايدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا قاپاقلارغا قاراپ ھۇزۇرلىنىدۇ ھەمدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، قاپاقلارغا رەسىم سىزىدۇ.
  ئۇ ھەر قېتىملىق ئىجادىيىتىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ، ھەمدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەن ئەسىرىنى يېقىنلىرىغا بېرىشكە ئامراق. بەزىدە ئۇ ئۆزىگە ئوخشاشرەسىم سىزىلغانقاپاققا ئامراق دوستلىرى ئۆيىگە كەلسە، سىزىپ تەييار قىلىپ قويغان قاپاقلارنى خاتىرە ئۈچۈن ئۇلارغا تەقدىم قىلىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، دوستلۇق يۈزسىدىن ئەرزان سېتىپ بېرىپ، ئائىلىسىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك چىقىمىنى قامدايدۇ.
  «49كۈن»دىن كېيىنكى پەرۋىش
  ھەر يىلى يازدا ئابدۇجېلىل ساۋۇرنىڭ ئۆيدىكى 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن كارىدور ھەر خىل قاپاقلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، «قاپاق تېرىش تەس، ئۇرۇقنى سالغاندىن كېيىن، بىخلىنىشقا 40 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، ئاران تەسلىكتە بىخلانغاندىن كېيىن، يەنە ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزۇن،پىشىشى كېيىن، تولۇق پىشقان قاپاقنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، بۇنداق قاپاقتىن يىلدا ئاران نەچچە ئون نەچچىنى ئىلغاپ چىققىلى بولىدۇ»، ئۇنىڭ دېيىشىچە، 49 كۈندىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆي ئىچىدە يەرلىك ئۇسۇل بىلەن مايسا پەرۋىش قىلىدىكەن.
  بۇ يىل ئۇ قاپاقنى بالدۇر تېرىدى، چۈنكى شەندۇڭدا چوڭ كۆلەمدە قاپاق تېرىيدىغان دوستى ئۇنىڭغا بەزى يېڭى سورتلارنى بەردى، ئۇ بۇ يىل قاپاقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  «قاپاق» ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈش
   ئابدۇجېلىل ساۋۇرنىڭ قاپاق سىزمىسىنىڭ ئۇسلۇبى ھەر خىل، مەزمۇنى مول، ئوخشىمىغان شەكىل ۋە سۈرەتكە ماسلاشتۇرۇلغان تېمىلارمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا «ۋەتەننى، شىنجاڭنى، يۇرتنى سۆيۈش» توغرىسىدىكىپەند-نەسىھەت، شۇنداقلا«ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، تېنچ-ئامانلىق، باياشاتچىلىق» مەزمۇنىدىكى تىلەكلەر بار. قولى ئەپچىل ئابدۇجېلىل ساۋۇر ياغاچچىلىققىمۇ ماھىر، ئىلگىرى ئۇ ياغاچتىن ياسىغان ھارۋا ناھىيە بويىچە دېھقانلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ھازىر شۇ جايدىكى داڭلىق قىزىل ئۈزۈم شىركىتىدە دۇپ ياغىچىدىن ياسالغان كومزەك بىلەن بىللە ئەتىۋارلىق بۇيۇم قاتارىدا ساقلانماقتا.

  ئابدۇجېلىل ساۋۇر ھازىر يىراق- يېقىنغا داڭلىق « ھۈنەرۋەن» بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ قاپاق سىزمىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەنئۇئۆز قىزىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك كىرىم يارىتىپ، ئائىلىسىنىڭ چىقىملىرىنى قامدايدۇ.
  ئۇ سىزغان قاپاق سىزمىلارنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، رەڭلىرى ماسلاشقان،ئۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا گۈزەل تىلەك تىلەش بىلەن بىرگە ئۆز ئىشىدىن رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، مانا بۇلار قاپاق ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق. (خوشۇت ناھىيە چۇقۇ يېزا كونىشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى) 
 


ئالدىنقىسى:قاپاق سەنئىتىكېيىنكىسى:قاپاق ئويما سەنئىتى

يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ