تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

داڭلىق رەسسام مەرھۇم ئابدۇكېرىم نەسىرىدىنن ...

2015-12-19 02:42| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 1019| باھا: 1

قىسقىچە مەزمۇنى: باغتىكىن يانبىلوگىدىن ئېلىندى

داڭلىق رەسسام مەرھۇم ئابدۇكېرىم نەسىرىدىننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى



ئابدۇكېرىم نەسىردىن1947.---2014.11) ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدراسى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن . 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىدە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن . 1981-يىلى مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي بوياق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان . 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ ، رەسىم كۆرەكلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان . 2000-يىلى ئىتالىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان . 2004-يىلى تەكلىپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن < يىپەك يولىدا يېڭى نامايەندە __ غەربىي جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى > نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ، نيۇ يورك ، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆگىنىش-زىيارەتتە بولغان . ئىلگىرى <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسى ، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا سەنئەت تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن .1981-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيىسىدە كەسپىي رەسسام ، ماي بوياق رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرى ، پارتكوم شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى ۋە ئاكادىمىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6- ، 7- ، 8- ، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىم باھالاش ھەيئىتى ، ھەر نۆۋەتلىك < جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى > باھالاش ھەيئىتى ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان . نۆۋەتتە جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە .

1972-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ماي بوياق رەسىم ، تام رەسىم ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ، مەملىكەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى < ئالاھىدە مۇكاپاتى > ، دۆلەتلىك < تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى > ، < مىس مىدال مۇكاپاتى > ، < مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى > ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1- ، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . كۆپلىگەن ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى ، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم مۇزىيى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنستىتۇتى ، ئىتالىيە بولونىيا سەنئەت ئىنىستىتۇتى ، بېيجىڭ خەلق سارىيى ، شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلانغان . ئەسەرلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ فىرانسىيە ، ئامېرىكا ، ئاۋىسترالىيە ، ياپونىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، قاتار ، ئومان ، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاۋمېن ، تەيۋەن ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر خىل گۈزەل-سەنئەت يەرمەنكىلىرى ۋە رەسىم كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ، پارىژ ، ئالمۇتا ، بېشكەك ، بولونىيا ، شياڭگاڭ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان . كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . شەخسىي تەرجىمىھالى < جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيىسى > ، < 20-ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىم توپلىمى > ، < جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى > ، < دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر توپلىمى > قاتارلىق توپلام ۋە كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن . < ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < ئابدۇكېرىم نەسىردىن > ، < جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى __ ئابدۇكېرىم > قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان . بىر قوللۇق تەشكىللەپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان توپلام-كىتابلىرىدىن < جۇڭگو-شىنجاڭ-مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى > ، < شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى > CD توپلىمى ، < شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيسىى ئەسەرلەر توپلىمى > ، < ئۈمىد يۇلتۇزى __ شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى __ شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى > قاتارلىقلار بار . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن < مەشرەپ > ، < قۇمۇل مەشرىپى > ، < دولان مەشرىپى > ، < دېھقانلار شادلىقى __ مەشرەپ > ، < ئەللەي ناخشىسى > ، < كېرىيىلىكلەر > ، < ئانا > ، < شاتگۈل > ، < يىپەك يولىدىكى بازار > ، < تەڭرىتاغ باھارى > (چوڭ تىپتىكى تام رەسىم) ، < مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن > (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغا تەقدىم قىلىنغان "ئىتتىپاقلىق داڭقىنى" ناملىق قاپارتما ھەيكەل) قاتارلىقلار بار . ئىلمىي ماقالىلىرىدىن < مىللىيلىق ياكى خاسلىق > ، < ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش > ، < ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم > ، < بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى > ، < ياۋروپا تەسىراتلىرى > قاتارلىقلار بار .

ئېلىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ < مەملىكەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس > ۋە < ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس > شەرىپىگە نائىل بولغان ۋە < گوۋۇيۈەن ئالاھىدە تەمىناتى > دىن بەھرىمان بولغان . 2005-يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلەر سېپىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باھالانغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىسنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى __ < ئالتۇن ئوردېن > مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن 67 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەرھۇم تولىمۇ كىچىك پېئىل،خۇشچاقچاق، چىقىشقاق كىشى بولۇپ،شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت رەسساملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ۋە تەربىيلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى، مۇقام ئۇستازىمىز تۇردى ئاخۇن ئاكا باش تېما قىلىنغان،تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن <<مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر>>ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتېرىغا مەرھۇمنىڭ ئىقتىسادى ۋە ماددى جەھەتتىن ياردەن قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە <<شىنجاڭ سەنئىتى>>ژورنىلى تەھرېراتىدىن ئۆمەرجان ئىمىن مۇنداق دەيدۇ:

<< ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن يىتۈك رەسسام ، سەنئەت مائارىپچىسى بولۇپلا قالماي ، دىيارىمىز ھەتتا ئىلىمىز گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدە ئابرويلۇق گۈزەل سەنئەت تەشكىلاتچىسى ۋە پائالىيەتچىسىدۇر. ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنمىز تەۋەسىدىلا ئەمەس ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇھىم گۈزەل-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە يىتەكچىلىك قىلىش ، ئىلمى ئۇنۋان ۋە مۇكاپاتلارنى باھالاش ۋە بىكىتىشتە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدىن ھالقىپ ، پۈتۈن مەدەنىيەت ساھەسىگە مەنپەئەتلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن نەتىجە ، ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇر گۈزەل-سەنئەت ساھەسى ، دۆلىتىمىز ھەتتا دۇنيا گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدە يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن رەسسامدۇر.

ئۇ ئادىمىيلىك ئىستىلى دۇرۇس ، كەڭ قورساق ، كەمتەر ، خۇشپېئىل ، يۇمۇرىستىك ، چىقىشقاق ، كۆيۈمچان خاراكتىرى ۋە مىجەزى بىلەن كەسىپداشلار ئارىسىدىلا ئەمەس ، كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدىمۇ يۈكسەك ئىناۋەت تاپقان پازىل زات ئىدى.

خەلقىمىز مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، شۆھرەتلىك رەسسامى بولغانلىقتىن ئىپتخارلىناتتى ۋە ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئەسەرلىرىنى ھۆرمەت ۋە پەخىرلىنىش ۋە سۆيۈنۈش ئېلىكىدە تىلغا ئالاتتى ، مىڭ ئەپسۇس!!! خەلقىمىز، دۆلىتىمىز ھەتتا دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسى بىر يىگانە يارقىن يۇلتۇزىدىن ئايرىلىپ قالدى.



تۆۋەندە مەرھۇمنىڭ ھايات مۇساپىسىدە سىىزغان ئەسەرلىرى:





\

ئەسكەرتىش:

تەرجىمال مەنبەسى: بارمۇ مىكرو بىلوگىhttp:www.barmu.cn/pic/

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر مەنبەسى : تۇغلان تورى http://www.tughlan.com

ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن تورى http://www.kerim.cn

يۇقارقى ئەسەرلەر ئۆگىنىش ۋە مەرھۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا ھەقسىز يوللاندى، سودا خاراكتىرىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر نەشىر ھوقوقىغا دەخلى-تەرۈز يەتتى دەپ قارالسا بىز بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كىيىن 24سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىۋېتىمىز.


Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ مەخسۇس گۈزەل-سەنئەت ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ھەرخىل ئىقىم ۋە ھەرخىل تۈرلەردىكى گۈزەل-سەنئەت ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. يانبىلوگ ئاپتورى: ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا باغتېكىن. ئۈندىدار:1067565302

ئىنكاس يوللاش

يېڭى ئىنكاس

نەقىل رۇزى 2018-2-9 01:23
ناھايتى قالتىس

بارلىق ئىنكاسنى كۆرۈش(1)


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ