تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

روزى توختى غوجا دەۋرانى

2016-2-16 02:08| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 794| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: دەۋرانى ئەپەندىمگە ئۇتۇق تىلەيمىز

روزى توختى غوجا دەۋرانى  

روزى توختى غوجا دەۋرانى1985–يىل 4–ئاينىڭ 7–كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسىدا ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2006–يىلى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ خىمىيە–سانائەت مەكتىپى نېفىت ئايرىش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. 2000–يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ، تۈرلۈك نۇسخىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بەل باغلىغان ۋە ئۆگىنىشكە كىرىشكەن، 2001–يىلىدىن ئېتبارەن ئۇنىڭ يازغان بىر قىسىم ھۆسنخەتلىرى ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۈرۈمچى، خوتەن، قاراماي، مايتاغ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىدە ئۇنىڭ بىر قىسىم خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئايرىم–ئايرىم 1 -، 2-، 3 –دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013–يىلى ئۇنىڭ سۇلۇس نۇسخىسىدا يازغان بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى جۇڭگو نېفىتى خەتتاتلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن قىممەتلىك ئەسەر قاتارىدا ساقلاشقا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ سېھرىي كۈچى يۈرىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان روزى توختى غوجا دەۋرانى 2015 – يىلىدىن باشلاپ بۇ ئوتنى سەبىيلەر يۈرىكىدە يالقۇنجىتىش ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىستىكىدە، مايتاغ دىيارىدا سەبىيلەر خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان ۋە ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان. ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ بىخ ھالىتىدىكى تەربىيەسىنى ئالغان سەبىيلەرنىڭ ئاتا–ئانىلىرىنىڭ قەلبىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆچمەس ئوبرازىنى تىكلىگەن.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت–سەنئىتى قاتلىمىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان، ئېسىل مەدەنىيەت مىراسىمىز بولغان ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن كۆپ يىل ئەجىر سىڭدۈرۈش ۋە جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ ياش خەتتاتلار ئارىسىدا ئۈزۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىھاتلىق خەتتاتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ سۇلۇس ۋە تەئلىق نۇسخىلىرىدا خەلقئارالىق ئۆلچىمى بويىچە ئاساس يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.


ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇتۇش مەقسىتىدە 2015–يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن «دولان ئوقەتچىلىك شىركىتى» بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «تالانت سەھنىسى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، رىياسەتچى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ھەيرانلىقى ۋە زوقمەنلىكىنى قوزغىدى. ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا جۇڭگو موي قەلەم خەتتاتلىقى، ناخشا ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىر گەۋدە قىلىنغان ماھارەتنى نەق مەيداندا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق قەلەم ماھارىتى ھەممەيلەننى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەتتاتلار ۋە ھۆسىنخەت ھەۋەسكارلىرى ئۇنىڭغا تەرەپ–تەرەپتىن گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەھنە ماھارىتى باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدىمۇ زور تەسىر قوزغىدى...

ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆزىگە خاس مۇكەممەل بولغان نەزەرىيە ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ، ئىشىنىمىزكى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئەجىرسىز قالمايدۇ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان ۋە يېڭى – يېڭى ئەسەر يارىتىش يولىدا تۇلپار كەبى چېپىپ كېتىۋاتقان ياش ئىزدەنگۈچىمىزگە شىنجاڭ ئەلپىدا ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى نامىدىن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.


تۆۋەندە روزى توختى غوجا دەۋرانىنىڭ بىر قىسىم ھۆسنخەت ئەسەرلىرى بېرىلدى


——————

روزى توختى غوجا دەۋرانىنىڭ ئەلپىدا تورىدا ئېلان قىلىنغان ۋە باشقا ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز روزى توختى غوجا دەۋرانى ياكى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ( ئالاقە : 18997701127، 18799773345 )

مەنبە :ئەلپىدا ئۇچۇر تورى 


يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ