تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

نىياز كىرىم شەرقىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق قا ...

2016-4-15 00:16| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 669| باھا: 1

قىسقىچە مەزمۇنى: نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز




خەتتاتلىق شەيدالىرىغا كاتتا خۇشخەۋەر، ئۇستاز خەتتات نىياز كېرىم شەرقى تۈزگەن «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قامۇسى» نەشردىن چىقتى


www.nirani.cn
رەڭدار ۋاراقلىق، قاتتىق مۇقاۋىلىق، ئىككى تومدىن تەركىپ تاپقان، ئېسىل قاپچۇققا قاچىلانغان بۇ قامۇس ھەممىمىزگە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ھوزۇرىنى بېغىشلايدۇ.
مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىشنى قىبىلنامە قىلغان، ئۆزىنى مىللىي تىل-يېزىق تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئوت يۈرەك قەدىرلىك قېرىنداشلارغا مەلۇم بولسۇنكى، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بايراقدارى، دۇنيا يېزىق سەنئىتى جەمئىيتىنىڭ پەخرى رەئىسى، جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمىئىيتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل-سەنئەت ئۇستازى، دوكتۇر، ئۇستاز خەتتات نىياز كېرىم شەرقى ئەپەندىنىڭ ئازكەم 60 يىللىق خەتتاتلىق ھاياتىنىڭ نامايەندىسى «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قامۇسى» شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى .


بۇ قامۇسقا نۇرغۇنلىغان كونا-يېڭى خەت نۇسخىلىرى، دەلىللەشتىن ئۆتكەن مۇكەممەل خەتتاتلىق نەزرىيەلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ جەھەتتە ئۇ خەتتاتلىققا ھىرىسمەن ھەرمىللەت ھەۋەسكارلىرىغا ئەڭ قولايلىق ئۆگىنىش قوللانمىسى، خەتتاتلىق گۈلىستانىنىڭ پەرۋىشكارلىرىغا ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش دەستۇرى بولالايدۇ.
بۇ قامۇس 18 باپتىن تەشكىل تاپقان، ھەربىر باپتىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تىللاردا تونۇشتۇرۇلغان. بۇ جەھەتتە ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ گۈلتاجىسى بولغان خەتتاتلىق سەنئىتىنى خەلقىمىزگە ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەسىرىنى ئىلىمىزگە ۋە خەلقئاراغا كېڭەيتەلەيدۇ.
بۇ قامۇسقا ھېكمەتلىك ماقال-تەمسىل، پاساھەتلىك شېئىر، ئۆلمەس ئاتا سۆزلىرى بىلەن قاناتلانغان نادىر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن نۇرغۇن ئۆرنەكلەر كىرگۈزۈلگەن. چۇڭقۇر مەنىلەر گۈزەل خەتلەر بىلەن جەۋلان قىلىپ قەلب خاتىرىڭىزگە ئۆچمەس نەقىش سالالايدۇ، ھېكمەت ۋە گۈزەللىك شەيدالىرىمۇ ئۇنىڭدىن زوق ۋە نەپ ئالالايدۇ.
بۇ قامۇستىن مىللىي تىل-يېزىقنىڭ ئۆچمەس نۇرىنى كۆرەلەيسىز، بۇ قامۇستىن مىللىي تىل-يېزىقنىڭ قىممىتىنى، نوپۇزىنى ھېس قىلالايسىز.
بۇ قامۇسنى كۆرسىڭىز، نېمىنى ئەتىۋارلاپ ساقلاشنى، نېمىنى ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىزگە سوۋغاتلىق قىلىشنى بىلەلەيسىز. تەۋسىيمىز شۇكى، بۇ قامۇس مەندىمۇ، سىزدىمۇ بولسۇن، ھەممىمىزگە تەۋەررۈك بولسۇن، يادنامە بولسۇن!
ھەرقايسى جايلارغا توپ ۋە پارچە تارقىتلىدۇ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى
13899974772
0991-2555336
ئالاقىلاشقۇچى مەۋلان شەرقى
ھېسابات ئاچقان بانكا كارتىسى:
يېزا ئىگىلىك بانكىسى: 6228480898632292170
قۇرلۇش بانكىسى: 6210814540000620179
سودا سانائەت بانكىسى: 9558803002107733514


مەخسۇس ئىشلەنگەن فىلىمنى  كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئادىرستىن كۆرۈڭ 




 
















http://nirani.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=414













مەنبە نۇر تورى 


ئىنكاس يوللاش

يېڭى ئىنكاس

نەقىل رۇزى 2018-2-9 01:31
خەتتاتلىقىمىز گۈللەنسۇن

بارلىق ئىنكاسنى كۆرۈش(1)


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ