تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش

قەشقەررەسساملار جەمئىيتنىڭ 6- نۆۋەتلىك قورۇ ...

2016-5-8 07:24| يوللىغۇچى : nirani| كۆرۈش: 306| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى تارقاتتى


قەشقەررەسساملار جەمئىيتنىڭ 6- نۆۋەتلىك قورۇلتىيى غەلبىلىك ئېچلدى



نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى مەخسۇس تارقاتتى


ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتىت تەشۋىقات بۆلىمى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىىللىشى بىلەن ، 2016يىلى 5- ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قورۇلتىيى غەلبىلىك چاقىرىلدى .



قورۇلتايدا  يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەسساملار ھەيئەت رەئىسى سايلاپ چىقلدى .

مۇھەممەت ھېيت، ئەبەيدۇللا مۇھەممەت، شۈدىڭجى،ئىلشات تۇرسۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتنىڭ پەخرى رەئىسلىكىگە ،

قاھار مەمتىمىن رەئىسلىكىگە،قەيسەر قاسىم ،جاڭ گوچىن،قەيسەر ھېسامىدىن قەشقەر ،شۈيجىيەنچىڭ، ئېلى ئىسمايىل ،ليۇيىچېڭ،دولقۇن روزى ،،قەيسەر ئابدۇللا قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە،

قەيسەر قاسىم باش كاتىبلىققا، تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم، تىيەنجۈن، ئابدۇغېنى ئىمام، شېن شىمىڭ،مىر ئەخمەت نىياز، كاڭ جىخۈي، ئابدۈشۈكۈر ئابدۇسۇپۇر، سۇڭ جىنلۇڭ، مەمتىمىن توختاش ، مۇنەۋەر مۇتەللىپ قەھرىمان ئىسمايىل ،دولقۇن مۇنەۋەر، قاتارلىقلار مۇئاۋىن باش كاتىبلىققا سايلاندى .

قورۇلتايدا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتى ماي بوياق رەسىم سەنئىتى كومىتىتى، جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتى كومىتىتى ، نەزەريىە - تارىخ سەنئىتى  كومىتىتى ، دېھقانلار رەسىمى كومىتىتى قاتارلىق 4 كومىتىىت قورۇپ چىقلدى .

قەيسەر قاسىم ماي بوياق سەنئىتى كومىتىتى مۇدىرلىقىغا، ليۇ يىچىڭ جۇڭگۇچە رەسىم سەنئىتى كومتىتى مۇدىرلىقىغا،تۇرسۇنجان  ئابدۇرېھىم نەزەرىيە- تارىخ سەنئىتى كومىتىتى مۇدىرلىقىغا ,مەمتىمىن توختاش دېھقانلار رەسىم سەنئىتى كومىتىتى مۇدىرلىقىغا غەلبىلىك سايلاندى.

قورۇلتايغا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۈلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ  رەئىسى پاشاگۈل سەدىردىن ، تەشۋىقات بۆلىمىدىن ۋاڭ شىلىن ، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسدىن مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى.

پاشاگۈل رەئىس مۇھىم سۆز قىلىپ ، كەڭ رەسساملاردىن ئىجادىيەتكە روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ، ئۇلۇغ ۋەتەننى كۈيلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ،كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ ، ۋىلايىتىمىز رەسساملىرىنىڭ ، ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدىكى تەسىرىنى يەنىمۇ زورايتىپ ، ۋىلايىتىمىز مەدەنىيەت  سەنئەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ جاللاندۇرۇشقا ، زور تۆھپىلەر قوشۇشنى تەلەپ قىلدى .





شىنجاڭ گېزىتىن مۇختەر  ئەپرى خەۋىرى

نىرانى گۈزەل سەنئەت تور بىكىتى  مەخسۇس تارقاتتى

www.nirani.cn

يېڭى ئىنكاس


سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشىڭىزنىرانى گۈزەل-سەنئەت تور بىكىتى http://nirani.cn

Archiver|يانفون|قاماقخانا| بېيجىڭ نىرانى گۈزەل سەنئەت تور تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى  

Copyright © 2001-2013 Comsenz Inc.Template by Nirani.cnAll Rights Reserved.

Powered by Discuz!X3.1 Licensed( 京ICP备17016301号 )QQ